تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىز زۇڭتۇڭ بولغان ئون يىلدا جۇڭگودا سەككىز قېتىم زىيارەتتە بولدىڭىز، مەن سىز بىلەن 12 قېتىم كۆرۈشتۈم، ئىككى دۆلەتنى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلىدۇق. سىز جۇڭگو - ھىندونېزىيە دوستلۇق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتىڭىز، جۇڭگو تەرەپ يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھىندونېزىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا قاراتقان دوستلۇق سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل تۈردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۈرۈشتۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى ۋەنلۇڭ يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى ۋە ۋەنلۇڭ روھىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

جوكو مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. ئىشىنىمەنكى، ھىندونېزىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.