شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. خۇ جىنتاۋ گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈردى
يولداش ۋۇ باڭگونىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش ۋۇ باڭگونىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى
10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، يولداش ۋۇ باڭگونىڭ جەسىتى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى. شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار باباۋشەنگە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى، خۇ جىنتاۋ گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋۇ باڭگونىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي ھال سورىماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 16 - نۆۋەتلىك، 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 10 - نۆۋەتلىك، 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى يولداش ۋۇ باڭگونىڭ جەسىتى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.
يولداش ۋۇ باڭگو كېسەل سەۋەبىدىن 2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 4تىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 84 يېشىدا ۋاپات بولدى.
يولداش ۋۇ باڭگونىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش ۋۇ باڭگونىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاساسىي زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش ۋۇ باڭگوغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىدە يولداش ۋۇ باڭگونىڭ سۈرىتى بار ئىدى. يولداش ۋۇ باڭگونىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەملەر بىلەن يولداش ۋۇ باڭگونىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش ۋۇ باڭگونىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش ۋۇ باڭگونىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى. خۇ جىنتاۋ گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ، يولداش ۋۇ باڭگونىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش ۋۇ باڭگونىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.