تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يايلاق پۇرىقىغا ئىگە كەشتىلەر  گۈلنەزەرمۇ كۆرۈپلا ئىختىيارسىز بىر پارچە سۈرەتكە چۈشتى

ئارتىسلار ئالتاي «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش» بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى كىگىز ئۆيدە ساياھەتچىلەرگە نومۇر ئورۇنلاپ بەرمەكتە.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

 قازاق كەشتىچىلىكى قەدىمىي خەلق ئىچى سەنئىتىنىڭ بىرى

 قازاق تىلىدا «كىستە» دېيىلىدۇ، ئۇ چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشقا ماسلاشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى.

1963-يىلى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانىدا، قازاق چارۋىچىلار چېدىردا قوي يۇڭى كىگىزىنى كەشتىلىمەكتە.

دىڭ بىنشۈەن فوتوسى 

2021-يىلى

قازاق كەشتىچىلىكى

5-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

قازاق كەشتىچى ئاياللار كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى تىكمەكتە. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن سۈرەت

 بۇلتۇر

گۈلنەزەر شىنجاڭغا قايتىپ ژۇرنال مۇقاۋىسى سۈرىتىگە چۈشكەن

بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئىلھام قازاق كەشتىچىلىكىدىن كەلگەن

 سۈرەت مەنبەسى: گۈلنەزەرنىڭ ۋېيبوسى  我是娜扎@

 قازاق كەشتىچىلىكىنىڭ بەدىئىي قۇرۇلمىسى ئىخچام، رەتلىك

گۈل نۇسخىلىرى جۇشقۇن ۋە مەردانە

 رەڭگى ئوچۇق، چىرايلىق، ماسلاشقان

 كەشتە ئۇسۇلى ئەركىن بولۇپ

يايلاق پۇرىقى قويۇق

قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى كۇيسۇ بازىرىدىكى كەشتىچىلىك ماھىرى قۇرمانقان تۆلېۋقان (ئوڭدا) ئۆزى تىككەن كىچىك دوپپىنى كۆرسەتمەكتە.

جاڭ جيەنگاڭ فوتوسى

 قازاق  كەشتىچىلىكى

كىگىز كەشتىچىلىكى ۋە رەخت كەشتىچىلىكى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ

چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى قازاق چارۋىچىلار ئاقچوققا يايلىقىدا كىگىز ئۆي قۇراشتۇرماقتا. نەپىس نۇسخىلار كەشتىلەنگەن قوي يۇڭى كىگىزى كىگىز ئۆي ياساشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

جاڭ خۇي فوتوسى

 كەشتە ماتېرىيالىغا

كۆپىنچە رەخت، كىگىز، خۇرۇم تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ

بەدىئىي قۇرۇلمىسى تولۇق، تۆت قىرى ئېنىق، سىممېتىرىكلىككە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ

 ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى ئاغېيىق مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى سودىگەرلەرگە قازاق مىللىتىنىڭ قولدا كەشتىلەنگەن كەشتە بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

 نەقىش نۇسخىلىرى چوڭ ھەم ئىخچام بولۇپ

 ئۆسۈملۈك نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن كەشتە، ھايۋانات نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن كەشتە ۋە تەبىئەت نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن كەشتە بۇيۇملىرى بار

 لىنا (ئوتتۇرىدا) خىزمەتچىلەرگە كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەتمەكتە. ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى بەيشەنبۇ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لىنا 2007 - يىلى بەيشەنبۇ مىللىي كەشتىچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100گە يېقىن خىزمەتچى قوبۇل قىلدى، ئىشلىگەن كەشتە بۇيۇملىرى دۆلەت ئىچىدە بازار تېپىپلا قالماي، يەنە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كەشتىچى ئاياللار جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارغا قولدا كەشتىلەش ھۈنىرىنى كۆرسەتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى 

قوي مۈڭگۈزى، بۇغا مۈڭگۈزى، تۆگە تاپىنى، دەرەخ شېخى، گۈل-گىياھلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن

 كەشتە ئۇسۇلى شۇيىن كەشتىسى، ئىلمەك يىڭنە كەشتىسى، گىرۋەك كەشتىسى قاتارلىق ئون نەچچە خىل كەشتىلەش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرىنىڭ ئاشىلى قازاق يېزىسىدا تور رىياسەتچىسى چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيىدە كەشتە بۇيۇملىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتماقتا.

لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

 كەشتە بۇيۇملىرى رەڭگىنىڭ مۇناسىپ مەنىسى بار

 كۆك رەڭ ئاسمان ۋە ئەركىنلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ

 ئاق رەڭ پاكلىق ۋە خۇشاللىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ

 يېشىل رەڭ باھار ۋە ياشلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ

 قىزىل رەڭ قۇياش ۋە يورۇقلۇققا سىمۋول قىلىنىدۇ

 قازاق مىللىتىنىڭ كەشتە بۇيۇمى

قازاق كەشتىچىلىك ھۈنىرى

جەمەتنى بىرلىك قىلىپ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ

ئۇنىڭغا ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىجادكارلىق روھى مۇجەسسەملەنگەن

 قازاق مىللىتىنىڭ كەشتە بۇيۇمى

«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.