تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۇنيا تاراتقۇلار ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر شىنجاڭغا جەم بولۇپ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى» توغرىسىدا قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزدى

 10-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە يىغىن نەق مەيدانى.

      ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىنغا قاتنىشىشقا كەلگەن ۋەكىللەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، دىققىتىنى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇلار ئىسلاھاتى» باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات، ئىسلاھات يولى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

     «تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات − تاراتقۇلار تەرەققىياتىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىشلىتىلىشى» «قائىدە ۋە مەسئۇلىيەت  −  سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدىكى ئاخبارات ئېتىكىسى» «پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال-- رەقەملىشىش دەۋرىدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئورتاق بۇرچى» «ھەمكارلىق ۋە ئورتاق تونۇش − يىپەك يولى چوڭ يولىدىكى خەلق قەلبىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى» قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىن تاراتقۇ كەسپىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە پىكىر يولى توغرىسىدا ھەمبەھرلەندى. 

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يان تېلېفون ئارقىلىق ئەزىز مېھمانلارنىڭ نۇتقىنى سىنغا ئالماقتا.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار نۇتۇق  ئاڭلىماقتا.

تاراتقۇ مۇخبىرى يىغىن نەق مەيدانىدا ماقالە يازماقتا.

يىغىن ئارىلىقىدا، ئەزىز مېھمانلار يىغىن مەيدانىدا مۇھاكىمە قىلماقتا.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار نۇتۇق ئاڭلىماقتا.

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ باش مۇھەررىرى (باش دىرېكتورى)، شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى شى فېڭ سۆز قىلغاندا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ تاراتقۇ سېپىنى تونۇشتۇردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.