تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭ نامايان قىلىندى 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە ئېزىز مېھمان سۆز قىلماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، 106 دۆلەت ۋە رايوندىكى 208 ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى. 

   بۇ نۆۋەتلىك تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى» بولۇپ، يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار باش تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تاراتقۇ ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تاراتقۇ كەسپى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يەنە شىنجاڭدا ئۈچ كۈنلۈك ئېكىسكۇرسىيە-زىيارەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخى، پارلاق مەدەنىيىتى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا ھېس قىلىدىكەن.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئېزىز مېھمانلار يىغىندا نۇتۇق ئاڭلىماقتا.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى مەيدانىدا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار تەشۋىقات فىلىمى كۆرمەكتە.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، تاراتقۇ مۇخبىرى 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى مەيدانىدا سىنغا ئالماقتا.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئېزىز مېھمانلار مۇخبىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان ئىككى ئېزىز مېھمان يىغىن ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى نەق مەيدانىدا خەۋەر بەرمەكتە.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، يىغىنغا قاتناشقۇچى ھەمتۈرتكە بولۇش تۈرىنى ھېس قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.