ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بىر قەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈندۈزدىن 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغىچە بولغان لىنىيەلەردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا يېڭىدىن 10 سانتىمېتىردىن 35 سانتىمېتىرغىچە يىغىندى قار كۆپىيىدىكەن.
10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئارىلىقىدىن ئالدىن مەلۇمات (ھاۋارايى تورى)
كۈچلۈك ھۆل ـ يېغىن ۋاقىت بۆلىكى: ئىلى دەرياسى ۋادىسى، بورتالا ئوبلاستىدا 10-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 10-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈندۈزدىن 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىدە 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈندۈزدىن 10-ئاينىڭ 18ـ كۈنى كۈندۈزگىچە، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ غەربىدە 10-ئاينىڭ 17ـ كۈنى كۈندۈزدىن 10-ئاينىڭ 18- كۈنى كېچىگىچە، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىدە 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدىن 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىگىچە بولىدىكەن.
ھۆل - يېغىنغا ئەگىشىپ، 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 8 ~ 5 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك چۈشىدىكەن. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ 0 ~ 3- سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى باشقا تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ 4 ~ 0 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ 5 ~ 13- سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، شەرقى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ 4 ~ 2 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن.
10-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈندۈزدىن 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر يېغىپ ئارقىدىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ئايلىنىدىكەن، تاغلىق رايوندا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر يېغىپ ئارقىدىن قارغا ئايلىنىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن، تۆت بالدىن بەش بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شەھەر رايونىنىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 10 ~ 6 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن، 10-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ 2 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى ھۆل-يېغىن جەريانىدا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىن سانجى ئوبلاستىغىچە بولغان لىنىيەدىكى تاغلىق رايونلاردا يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولىدۇ، قىسمەن رايونلاردا يامغۇر يېغىپ قارغا ئۆزگىرىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر (قار) ياغىدۇ، قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى يوللارنىڭ تېيىلغاق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ ۋە كۆرۈش دەرىجىسى ناچارلىشىپ، ساياھەت ۋە قاتناشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ چىڭسىخوزا - سەنتەي بۆلىكى، S101 لىنىيەسى، G218 لىنىيەسىنىڭ مۇسى - كۈنەس جىلغىسى بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ ئورقۇ - خېيشەنتوۋ بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي - چاكۇرت بۆلىكى قاتارلىق قاتناش لىنىيەلىرىگە بولغان بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش زۆرۈر، ئامما سەپەر بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، قار-يامغۇر، ئۈششۈك ۋە قۇم -بورانلىق ھاۋارايى كۈزگى بۇغداينىڭ ئۈنۈپ چىقىشى، كۈزلۈك يىغىم، ئاپتاپقا سېلىش، چارۋىچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى پار بېرىش پارامېتىرىنى ۋاقتىدا تەڭشىشى، ئامما دەل ۋاقتىدا قېلىن كىيىنىپ، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇپ، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى