10- ئاينىڭ 13- كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 2024- 2025 مۇسابىقە پەسلى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۆز مەيدانىدا جياڭسۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. 1- بۆلەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە سەككىز مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىت قالغاندا، ئابدۇسالام زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشتى، مەيدانغا چۈشكىلى ئىككى مىنۇت بولمايلا توپنى ئېلىپ مېڭىۋاتقاندا تېيىلىپ كېتىپ، يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى.
مۇخبىر: جاڭ شىنجۈن
بېزىگۈچى: جارقىنگۈل تۇرسۇن
نازارەتچى: ليۇ يۈەنيۈەن