يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش گىمناستىكىسىنى كۆپرەك مەشىق قىلغاندا، كۆكرەكنى كېڭەيتىپ، يەلنى، يۈرەك رىتىمىنى تەڭشەپ، يۈرەكنى قوغدىغىلى بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى: بىرىنچى، شەنجۇڭ پەللىسى (كۆكرەكنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى)نى ئۇرۇپ بېرىڭ، ئون بارمىقىڭىزنى گىرەلەشتۈرۈپ مۇشتىڭىزنى تۈگۈپ، ئىككى قولىڭىز بىلەن راھەت ھېس قىلغۇچە تەخمىنەن بىر مىنۇت يېنىك ئۇرۇپ بېرىڭ؛ ئىككىنچى، جىچۈەن پەللىسىنى ئۇۋۇلاڭ، جەينىكىڭىزنى ئېگىپ، ئالقىنىڭىز بىلەن گەجگىڭىزنى بېسىپ، يەنە بىر قولىڭىزنىڭ تۆت بارمىقىنى جۈپلەپ تەبىئىي ھالدا قولتۇقىڭىزغا قويۇپ، چىڭقىلىپ ئۇيۇشقاننى ھېس قىلغۇچە ئوڭ- سولغا نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئۇۋۇلاپ بېرىڭ؛ ئۈچىنچى، جەينەك ئويمىنىنى ئۇرۇپ بېرىڭ، بىلەكنى تۈز سوزۇپ، كاۋاك مۇشتىڭىز بىلەن جەينەك ئويمىنىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئوڭ- سولغا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يېنىك ئۇرۇپ بېرىڭ؛ تۆتىنچى، يۈرەك تومۇرى ۋە يۈرەك قېپى تومۇرىنى بېسىپ ئۇۋۇلاڭ، كاۋاك مۇشتىڭىز بىلەن قولتۇقتىن بارماققىچە ئوڭ- سولغا نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئۇۋۇلاڭ؛ بەشىنچى، يۈرەك تومۇرى ۋە يۈرەك قېپى تومۇرىنى سوزۇڭ، بىلىكىڭىزنى تۈزلەپ، ئالقىنىڭىزنى سىرتقا قارىتىپ، يەنە بىر قولىڭىز بىلەن بېسىۋالغاندىن كېيىن ئوڭ- سولغا 30 قېتىمدىن نۆۋەتلەشتۈرۈپ سوزۇپ بېرىڭ.
يۈرەكنى قۇۋۋەتلەشتە بۇ بەش ھەرىكەتنى دائىم ئىشلەپ بېرىڭ
مۇھەررىر:
مەريەمگۈل يۇنۇس
|
مەنبە:
ئانار بۇلۇت
2024/10/15 11:20
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.