دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركەز ئورگانلىرى ھەم ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا 2025- يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش باشلىنىش ئالدىدا ئىكەن، جەمئىي 39 مىڭ 700 ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلىنىپتۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 10- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 8:00دىن 10- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 18:00گىچە «مەركەز ئورگانلىرى ھەم ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا 2025- يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى»(http: //bm.scs.gov.cn/kl2025)گە كىرىپ، توردا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن، ئاممىۋى پەن يېزىقچە ئىمتىھانى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكىلەرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى ۋە قىسمەن شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدىكەن.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى