بۇ يىل ئاپتونوم رايون 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىگە ئىشلىتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تۇنجى تۈركۈمدە شاللانغان تىجارەت تىرانسپورت تىپىدىكى كونا يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ 379 مىليون يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك قاتناش- تىرانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئاجرىتىلىدىكەن، ھازىر تەستىقلاپ تارقىتىلىۋاتىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش بويىچە بانكا بىلەن كارخانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بانكا بىلەن كارخانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا دىققەت قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، ئەڭ يېڭى سىياسەت، كەلگۈسى يۈزلىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قاتناش- تىرانسپورت كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، يېڭىلاش ئارزۇسى ئۇرغۇتۇلىدىكەن.
بۇ يىل 3- ئايدا گوۋۇيۈەن «كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 تارماق «قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بويىچە يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى، قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتى باشلىنىپ، تىجارەت تىرانسپورت تىپىدىكى دىزېلنى يېقىلغۇ قىلىدىغان كونا يۈك ئاپتوموبىللىرىنى شاللاش ۋە يېڭىلاش تېزلىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك تىجارەت تىرانسپورت يۈك ئاپتوموبىللىرى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى. بانكا بىلەن كارخانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا ھەرقايسى تىرانسپورت كارخانىلىرى، بانكا، سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئاپتوموبىل سېتىش شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، گۇمانلىرىنى يېشىپ، قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى پەن- تېخنىكا ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جىڭكەي مۇنداق دېدى: بانكا بىلەن كارخانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەت، بانكا بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سىياسەتتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى، تولۇق، جايىدا پايدىلانغىلى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىشىغا ھەقىقىي تۈردە ياردەم بېرىپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتكىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش- تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش ۋە كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لېي خەۋىرى)