تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى داۋشياڭ شىمالىي يولىدا 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قاتناش باشلىنىدۇ

  10- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ جۇڭجيەن شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان مىدۇڭ رايونى داۋشياڭ شىمالىي يولىدا تېز قۇرۇلۇش قىلىنىۋېتىپتۇ، 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي غول يولدا قاتناش باشلىنىدىكەن.

  داۋشياڭ شىمالىي يولى جەنۇبتا فۇچيەن يولىنىڭ شىمالىدىن باشلىنىپ، بۈگۈر يولىغا تۇتىشىدۇ، يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1103.10 مېتىر، يولنىڭ قىزىل سىزىق كەڭلىكى 60 مېتىر، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىنىڭ كەڭلىكى 24 مېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشتە ئالتە ئاپتوموبىل يولى بار، يولنىىڭ ئىككى تەرەپ قاسنىقىدا تەرتىپ بويىچە كۆكەرتىش بەلبېغى، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى، كۆكەرتىش بەلبېغى ۋە پىيادىلەر يولى بار.

(مىدۇڭ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى شياۋ پېڭ)

پايدىلانغان مەنبە: مىدۇڭ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.