تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆرۈنۈش تاللاش رامكىسىدا تېخىمۇ چوڭ دۇنيانى كۆردۈم

دېھقان قىزى جانارگۈل:

كۆرۈنۈش تاللاش رامكىسىدا تېخىمۇ چوڭ دۇنيانى كۆردۈم

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

«بۇ فوتو ئاپپاراتىڭىز ياخشى ئىكەن، مەنمۇ بىرنى ئالىمەن!» 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، 46 ياشلىق جانارگۈل ئالۇۋيېك مۇخبىرنىڭ قولىدىكى يەككە رېفلېكسلىق فوتو ئاپپاراتنى كۆرۈپ، تاقەتسىزلىك بىلەن قولىغا ئېلىپ بىرنەچچە پارچە سۈرەت تارتتى. سۈرەت تارتىش، سىن ئېلىش تىلغا ئېلىنسىلا، ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتەتتى.

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ توست يېزىسى توست كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق جانارگۈل كەنتتىكى باشقا ئاياللارغا ئوخشاش، ھەر كۈنى ئېتىزدا، ئوچاق بېشىدا ئالدىراش يۈرەتتى. گەرچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا سۈرەت تارتىش، سىن ئېلىشقا قىزىقسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن بۇنى تىرىكچىلىك يولى قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

2006 - يىلى، جانارگۈل كەنتتىكى ياشلارنىڭ تويلۇق سۈرەت چۈشۈش ئۈچۈن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جېمىنەي ناھىيە بازىرىغا بارىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن سۈرەت تارتىش ئۇرۇقى تۇيۇقسىز بىخلاندى: «مەن يېزىدا تويلۇق سۈرەتخانا ئاچسام، ئۇنىڭغا توي مۇراسىمىنى سىنغا ئېلىش تۈرىنى قوشسام بولامدۇ نېمە؟»

«دۇكان ئېچىش نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان بولسۇن، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشقا پۇل كېتىدىغانلىقىنى دېمەيلا قويايلى، سۈرەت تارتىش تېخنىكىسىمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.» جانارگۈل ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقدىشىغا ھاۋالە قىلىپ سۈرەت تارتىش دەرسلىكىنى سېتىۋالدى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە شۇ جايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ، ئۇستازلاردىن سۈرەت تارتىش، سىن ئېلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. ھەتتا ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ تويىغا قاتناشقاندىمۇ، ئۇ نەق مەيداندا ئوپېراتورنىڭ سۈرەت تارتىش نۇقتىسى ۋە ئۇسۇلىنى «ئوغرىلىقچە ئۆگىنىش»نى ئۇنتۇپ قالمىدى.

«نەزەرىيەنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە كۆپرەك قول سېلىپ سۈرەت تارتىش كېرەك.» جانارگۈل ئۆزى ئازراق پۇل يىغدى، يەنە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئازراق قەرز ئېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىزىلبايراق يولىدىكى كومپيۇتېر شەھەرچىسىنى بىر كۈن ئايلىنىپ، فوتو ئاپپارات ۋە تېلېكامېرا سېتىۋالدى. ئەينى يىللىرى تېلېكامېراغا يەنىلا سىنئالغۇ لېنتىسى ئىشلىتىلەتتى، ئۇ تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى سىنغا ئېلىپ قويۇشقىمۇ كۆزى قىيمىغانىدى.

ئەمدى سىن، سۈرەت ئىشلەش يۇمشاق ماتېرىيالىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش كېرەك ئىدى، «نۇرغۇن يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە نۇسخىدا ئىكەن، مەن <ئىنگلىزچە - خەنزۇچە لۇغەت> سېتىۋېلىپ سۆزلۈكلەرنى بىر - بىرلەپ ئاختۇردۇم. يەنە بىلەلمىسەم، ئۆزۈم ئىزدەندىم.» ئۆگىنىشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى بىلەن جانارگۈل سۈرەت تارتىش يولىدىكى قىيىنچىلىقلارنى بىر - بىرلەپ يەڭدى.

2007 - يىلى 5 - ئايدا، ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ، جانارگۈلنىڭ سۈرەتخانىسى ئاخىر ئېچىلدى. ئەمما قوبۇل قىلغان تۇنجى توي مۇراسىمىنى سىنغا ئېلىش زاكازىنى ياخشى قىلالمىدى، «ئەينى چاغدا مەن بەك جىددىيلىشىپ كېتىپ، ئاق تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، تارتىلغان سىننىڭ كۆپ قىسمىدا نۇر زىيادە بولۇپ كەتكەچكە، كۆرۈنۈش ئاق چىقىپ قالدى.» قوشنا بولغاچقا، قارشى تەرەپ كۆپ ئەيىبلەپ كەتمىدى، لېكىن جانارگۈلنىڭ كۆڭلى تولىمۇ غەش بولدى.

«تۇرمۇش سۈرەتلىرى ياخشى تارتىلمىسا، يەنە بىرنەچچە پارچە تارتساق بولىدۇ، لېكىن توي مۇراسىمىدا قايتا تارتىش پۇرسىتى يوق. شۇڭا مەن ھەم توي مۇراسىمىنىڭ تەرتىپىگە يېتىشىپ مېڭىشىم، ھەم قىز - يىگىت ۋە مېھمانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتلىرىنى تىرىشىپ چىڭ تۇتۇشۇم كېرەك.» جانارگۈل مەغلۇبىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلىدى: «كېيىن تىجارىتىم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، مەن يەنە بەت ياساش، سىن كىرىشتۈرۈشنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم، ئۆگىنىدىغانلىرىمنىڭ تولىمۇ كۆپلۈكىنى ھېس قىلدىم.» ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئۇ يەنە ھەقلىق بىلىم سۇپىسى ئارقىلىق رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرنى ئاددىي رېمونت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگەندى. ئىلگىرى ئۈسكۈنىلەر بۇزۇلۇپ قالسا پوچتىدىن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ رېمونت قىلدۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر بەزى كىچىك مەسىلىلەرنى ئۇ ئۆزىلا ھەل قىلالايدىغان بولدى.

جانارگۈل سۈرەتخانىسىغا تايىنىپ ئىككى پەرزەنتىنى داشۆدە ئوقۇتتى، يېڭى ئۆيمۇ سېلىۋالدى.

«مېنىڭ مىجەزىم ئوچۇق، ئوخشاش بولمىغان جايلاردىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، ساياھەت سۈرىتى تارتىش ئارقىلىق نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم.» جېمىنەي ناھىيەسى ئوتلاق شىچېڭ مەنزىرە رايونى توست يېزىسىغا يىراق ئەمەس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىن بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. 2023 - يىلى، سەزگۈر جانارگۈل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەنزىرە رايونىدا ساياھەت سۈرەتخانىسى ئاچتى.

«ساياھەت سۈرىتى تارتىشتا مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم بار، بۇ مېنىڭ يۇرتۇم، مەن بۇ يەرنىڭ ھەربىر پەسىلدىكى قىياپىتىنى تولۇق كۆرگەن. باھار شامىلى سىيپاپ ئۆتكەن دالا، ياز كۈنلىرى مەۋج ئۇرغان بۇلۇت دېڭىزى، كۈزدىكى رەڭدار لىباس، زىمىستان قىشتىكى ئاپئاق قار... ھەر قېتىم فوتو ئاپپاراتنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسقىنىمدا، يۇرتۇمغا بولغان مۇھەببىتىم ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ» دېدى جانارگۈل.

بۇ يىل جانارگۈل ساياھەت سۈرەتخانىسىنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئائىلە زىيارىتى مەزمۇنىنى قوشتى، ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ سۈرەتخانىسىغا بارسا، يەنە ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، چارۋىچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ مەيلى نەگىلا بارسۇن، ھامان جانارگۈل قولىدىن بىر فوتو ئاپپاراتنى چۈشۈرمەيتتى، خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى «جانارگۈل مۇئەللىم» دەپ چاقىراتتى. «مەنزىرە رايونىدا يەنە ساياھەت سۈرىتى تارتىدىغان نۇرغۇن ياشلار بار، ئۇلارنىڭ كاللىسى ئۆتكۈر، ئامالى كۆپ، مەن ئۇلاردىن كۆپرەك ئۆگەنگىنىمدىلا، ئاندىن كامېرا ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رومانتىك ۋە بەختلىك مىنۇتلىرىغا گۇۋاھ بولالايمەن» دېدى جانارگۈل.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.