شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى «<بىر بەلباغ، بىر يول> ۋە شىنجاڭ» 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى خەلقئارا قانىلى ۋە ئەرەب تىلى قانىلىدا سائەت 23:00تە ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، كۈندە بىر قىسىم قويۇلىدۇ.
10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى بىلەن مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىنگلىز تىلى يەرشارى پىروگرامما مەركىزى بىرلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى «<بىر بەلباغ، بىر يول> ۋە شىنجاڭ» تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەخسۇس فىلىم جەمئىي تۆت قىسىم، ھەربىر قىسمى 30 مىنۇت بولۇپ، «خەلقئارا يول» «چوڭ دولقۇنغا سىڭىشىش» «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش» «گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ باش تېمىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلقئارا ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ھەم يەرشارىۋى ھەمكارلىقتىكى ئاچقۇچلۇق رولى ۋە تۆھپىسى نامايان قىلىنغان. بۇ فىلىم يەنە يېقىندا CGTN ئىنگلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئىسپان تىلى ۋە رۇس تىلى قاناللىرىدا ئارقا - ئارقىدىن كۆرسىتىلىدۇ، شۇ ناملىق كىتاب جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشر قىلىش - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى، ئېنېرگىيە بايلىقى، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، پورت ھەمكارلىقى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، دوستانە شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، رايون چوڭ ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئوتتۇرا شەرق باش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى، CGTN ئەرەب تىلى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جيا پېڭ مۇنداق دېدى: فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى جۇڭگو شىنجاڭ، گىرۇزىيەنىڭ كۇتايسى شەھىرى ۋە تىبىلىس شەھىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ، پاكىستان، تۈركىيە، ئىران، موزامبىك، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنىنىڭ خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئاخىرىدا ھەم ئۇچۇر مىقدارىغا، ھەم مول بەدىئىيلىككە ئىگە بۇ ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
«<بىر بەلباغ، بىر يول> ۋە شىنجاڭ»نىڭ رېژىسسورى ۋۇ يۈەنيۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ فىلىمدە كۆپ مىقداردىكى جانلىق، يېڭى مىساللار، تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، كۈچلۈك زىلزىلە كۈچىگە ئىگە مەنزىرە ۋە زىيارەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا بارلىققا كەلگەن گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان. فىلىمدە، ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلاشقىنىغا ئون يىل بولغان فىرانسىيەلىك ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان رىشتىنى تونۇشتۇردى؛ قەشقەردە ئىگىلىك تىكلىگەن كورېيەلىك يىگىت كۆرۈرمەنلەرگە «ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولسىڭىز شىنجاڭ قەشقەرگە كېلىڭ» دەپ مۇراجىئەت قىلدى؛ جۇڭگو − قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى رۇسىيەلىك سودىگەرلەر كۆرۈرمەنلەرگە بۇ جاينىڭ ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە ئىگە سودا رايونى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى؛ تاجىكىستاننىڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنىڭ ئىنتايىن قولايلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئالقىشلىدى.