− جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا
يېقىندا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدىكى قاراسۇ، ئەركەشتام، قورغاس پورتى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى ھەم پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق يۆتكىلىشى، كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقى قاتارلىق تېمىلار توغرىسىدا ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.
تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پورت، قاتناش، تاموژنا، كۆچمەنلەر قاتارلىق تارماقلىرى، ساھەلىرىدىكى ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ، بەش كۈن چوڭقۇر ئىگىلەش ئارقىلىق، كۆپچىلىك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت جەھەتتە يېقىن، خەلقلەر رىشتى تۇتاش، تەرەققىيات، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئىستىقبالى پارلاق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەندى.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان قاراسۇ پورتى دۆلىتىمىز بىلەن تاجىكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان يول. بۇ جايدا، لىق يۈك بېسىلغان يۈك ساندۇقى ئاپتوموبىللىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، چېگرادىن چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پورتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ پورت، تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، قاتناش، سودا قاتارلىق تارماقلىرىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پورتلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلار توغرىسىدا چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.
«جۇڭگو شىنجاڭنىڭ پورت رايونلىرىنى باشقۇرۇشى ۋە پىلانلىشى بىزگە ناھايىتى ياخشى ئىلھام بېغىشلىدى.» تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى زېمىن چېگرا مەسىلىسى باشقارمىسىدىكى ھەمراھ خادىم زىيويېف مۇخسىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئىكەن، شۇنداقلا ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بوپتۇ. تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بىر - بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ، ئىككى تەرەپنىڭ پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە جايلاشقان ئەركەشتام پورتى جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان چېگراسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تاشيول پورتى، شۇنداقلا «جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان» تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىدىكى مۇھىم يول. تەكشۈرۈش ئۆمىكى پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رايونى، كەسىپ باغچىسى، باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ، ئەھۋال تونۇشتۇرۇش، نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، پورت باغچە رايونىنى پىلانلاش، كەسىپ تەرەققىياتى، تىجارەت - سودا مۇھىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق قارىدى: ئەركەشتام پورتى شەھەر، پورت، خاس كەسىپلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پورت ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپتۇ، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىقى بار، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
قورغاس پورتىدا، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر 6 - ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، ھەيۋەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى ئەترىتى، كىرىپ چىقىۋاتقان يولۇچىلارنى كۆرۈپ، «ئالتۇن پورت»تىكى جۇشقۇن ھالەتنى ھېس قىلدى. تەكشۈرۈش ئۆمىكى يەنە قورغاس پورتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن پورت قۇرۇلۇشى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ قورغاس پورتى ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتۈپ بېرىش - كېلىش قىلىشىنىڭ ناھايىتى قولايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قازاقىستان قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى قالماغامبېتوپ قانات ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۆپەيدى، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى مىسلىسىز ئالتۇن مەزگىلگە كىردى، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەمكارلىشىش يوللىرىنى سىجىل راۋانلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر يەنە قەشقەر شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئىگىلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىز ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، كۆپ نەپكە ئېرىشتۇق، بۇ، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.