تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى نېمە سەۋەبتىن شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

10 - ئاي كېلىپ، بىپايان تۇپراق ئالتۇن رەڭ تۈسكە كىردى، جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى» باش تېمىسىدىكى 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان گۈزەل شىنجاڭ يەنە بىر قېتىم شانلىق پەيتنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنلىرى دۇنيادىكى داڭلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ يىل ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان تاراتقۇ ساھەسىدىكى بۇ كاتتا يىغىن نېمە سەۋەبتىن شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ شىنجاڭ رەت قىلغىلى بولمايدىغان قانداق جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە؟ بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىن شىنجاڭغا يەنە قانداق پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ؟

پۈتۈن يەرشارىنىڭ نەزەرى شىنجاڭغا مەركەزلەشتى

بىر مەقسەتتە بولغانلارغا يول يىراق بىلىنمەيدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئورتاق ئۆتكۈزىدىغان 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى 106 دۆلەت ۋە رايوندىكى 208 ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، ھۆكۈمەت تارمىقى قاتارلىق ئاپپاراتلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ۋەكىلنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

تاس ئاگېنتلىقى، يېرىم ئارال تاراتقۇ گۇرۇھى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ۋېنگىرىيە ATV گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارادىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي شىنجاڭغا كېلىپ، «ئاسىيا كىندىكىدىكى مەركىزىي شەھەر»گە جەم بولدى. كاتتا تاراتقۇلارنىڭ جەم بولۇشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نوپۇزى، كەسپىي خاراكتېرىنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە شىنجاڭدىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار يەرشارىۋى تاراتقۇلارنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، يەنە خۇددى بىر كۆزنەككە ئوخشاش، دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلار تاراتقۇلىرىنىڭ نەزەرىنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنى دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ.

دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى مېخانىزمى 2009 - يىلى قۇرۇلغان، خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئاپپارات ئورتاق تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، مۇھىم يەرشارىۋى تاراتقۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى. ئۆتكەن بەش نۆۋەتلىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بېيجىڭ (ئىككى نۆۋەت)، موسكۋا، دوھا، گۇاڭجوۋ ۋە كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ شەھەرلەر خەلقئارادا كەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە. ھەر نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى ئارىسىدىكى دوستانە بېرىش - كېلىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ قېتىم شىنجاڭنىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسىي مەيدانىغا ئايلىنالىشى ئېنىقكى، خەلقئارا سەھنىدە ئۆزىنى بىر قېتىم قالتىس نامايان قىلىش بولۇپ، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت يەن ۋېيۋېي مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر يۇغۇرۇلغان، كۆپ خىل مەدەنىيلىك توپلانغان ئۇلۇغۋار تارىخقا گۇۋاھ بولماقتا. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى ھەم شىنجاڭنىڭ يەرشارىۋى تاراتقۇلارنىڭ نەزەرىدە كۈنسېرى مۇھىملىشىۋاتقان ئورنىنى نامايان قىلدى، ھەم شىنجاڭغا دۇنياغا تۇتىشىدىغان بىر چوڭ دەرۋازا ئېچىپ بېرىپ، دۇنيانى شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك تونۇش، شىنجاڭنى بىلىش، شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى»دىن ئىبارەت بۇ ئالدىنقى قاتاردىكى باش تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئىزدىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تاراتقۇ ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تاراتقۇ كەسپى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىرلىكتە پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىدۇ، يەنە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۈچ كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىدۇ.

«مەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تاراتقۇ كەسپىدىكى زاتلار بىلەن جەم بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن ئىبارەت بۇ يېڭى تېخنىكا ھەم ئۇنى قوللىنىشنى ئورتاق ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى سىلوۋاكىيە Netky ئاخبارات تورىنىڭ مەسئۇلى پېتېر ۋېنس. ئەزەربەيجان دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇدىرى ئۇگېر ئالىيېفمۇ ئوخشاش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، بۇ يەرشارىۋى كاتتا يىغىن تاراتقۇ كەسپىنىڭ ئېغىر خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېڭى ئىجادىي تەپەككۇرنى قوزغىتىدۇ، يېڭى نەزەر دائىرىنى ئاچىدۇ».

ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دىققەتنى ئورتاق تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈش، شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان بۇ مەيدان چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇقەررەر ھالدا يەرشارىۋى تاراتقۇ ئەندىزىسىگە چوڭقۇر ھەم ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

نىسپىي بېكىنمە ھالەتدىن ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپىگىچە

2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، جاڭ چيەن دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولىنى ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ ئالماشتۇرۇش دەرۋازىسىنى ئاچتى. شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىگە گۇۋاھ بولدى. ۋاقىت ئۆتمەكتە، بۈگۈنكى شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات كوردىناتىدا، يەنە نۇر چاچماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي بەلبېغىغا جايلاشقان. بۇ جاينىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول بولۇپ، «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە رايون ئورنى ئۇنى دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈنگە ئايلاندۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، رايون ئورنى، سىياسەت، بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىيات دولقۇنىدا يېڭى پۇرسەتنى پائال كۆزلەپ، يېڭى بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتتى.

بۇ يىل 9 - ئايدا، جۇڭگو - قىرغىزىستان بەدەل پورتى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلدى، قونجىراپ پورتىمۇ پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشتىن يىل بويى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگەرتىلدى؛ «تىيانشان ناملىق» ئۈرۈمچى - تىبىلىس قاتارلىق خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېقىندا ئېچىلدى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ پۈتۈن يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، دائىرىسى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايونلارنى قاپلىدى.

شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئۈزلۈكسىز زىچلاشتۇرۇپ، «ھاۋا يىپەك يولى»نى بەرپا قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىمۇ يىراق بىلىنمەيدىغان بولدى؛ جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىدىن تەشكىللەنگەن «پولات كارۋان» يول بويى غەربكە قاراپ مېڭىپ، يىلدا 10 مىڭ قېتىم قاتناپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ سودا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. شەرقتە دۆلەت ئىچى بىلەن تۇتاشقان، غەربتە ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىگە تىرەك بولىدىغان بىر ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى تېز شەكىللەندى.

جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىدا، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. ئۈچ بۆلەك رايون دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلدى. بۇ يىل 6 - ئايغىچە، ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى 129 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى ئىچىدە، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلغان، باسقۇچلۇق ئۈنۈم ۋە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن تۈر 60قا يەتتى.

جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆتكۈزۈشتىن 14 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر . ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسىگىچە، جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى 206 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30تىن ئارتۇق ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %120.49 ئاشتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىش قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەر شىنجاڭغا مۇجەسسەملىنىپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر سىڭىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى پۇختا، مەزمۇت، كۈچلۈك قىلدى، «سىرتقا چىقىش، تەكلىپ قىلىش» يېڭى يۈكسەكلىككە يەتتى. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۈچلۈك بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدى، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتىكى مۇھىم ئورنىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلەندى.

مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈش ئېنىقكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغانلىق. بۈگۈنكى شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلىگە كىردى، شۇنداقلا دۇنياغا ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، بۇنى شارائىت پىشىپ يېتىلىپ ئىشلار ئۆزلۈكىدىن يۈرۈشتى، دەل پەيتى يېتىپ كەلدى، پۇرسىتى يېتىپ كەلدى دېيىشكە بولىدۇ.

ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپەت بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئېچىش

«بۇ مېنىڭ 2 - قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، مەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، كۆپ خىل مەدەنىيەت كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، شىنجاڭ خەلقى ناھايىتى دوستانە، ئاق كۆڭۈل ئىكەن.» مانا بۇ، 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئومان مەسقات تاراتقۇ گۇرۇھىدىكى خالىد مۇسانىڭ نەزەرىدىكى شىنجاڭ.

«شىنجاڭ ئىنتايىن ھاياتىي كۈچكە تولغان جاي ئىكەن.» كورېيە تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، «چىڭنەن كۈندىلىك خەۋەرلىرى»نىڭ جەمئىيەت باشلىقى، قوشۇمچە گېزىتخانا باشلىقى جېڭ چاڭشۈن يېقىندا شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىكەن، كۆپچىلىكتە گۈزەل تەسىر قالدۇردى، دۆلىتىمىزگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، كورېيەنىڭ جۇڭگو، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

«يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشى تاراتقۇلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۆزئارا سەمىمىي ئالاقىلىشىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئەمەلىي ھەمكارلىشىشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ.

شىنجاڭ تۈرلۈك تاراتقۇلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى تاراتقۇ ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھە زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇشىنى سەمىمىي قارشى ئالدى. بۇلتۇرلا نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن نەچچە مىڭ چەت ئەللىك مېھمان شىنجاڭغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولدى. ئۇلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭدا سودىنىڭ گۈللەنگەنلىكى ۋە پورتلارنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى خاتىرىلەپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدى، شۇنداقلا ئىتتىپاق، مۇقىم، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان شىنجاڭنى دۇنياغا پائال تونۇشتۇردى.

«بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر ساھە زاتلارنى شىنجاڭغا كېلىپ چوڭقۇر قاتلاملىق سۆھبەتلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنى ھەقىقىي ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىش شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش جاسارىتى، كەڭ قورساقلىقى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تەمكىنلىكىنى نامايان قىلدى.» يەن ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: بۇ، دۇنيانىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشى ۋە توغرا تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىشقا پايدىلىق.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلارنى سىرتتىن ئاڭلاشقا، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلارنى خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىشتىن تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى، خەلقئارالىق يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈش، نوپۇزلۇق دوكلاتلارنى ئېلان قىلىش، مۇتەخەسسىس - ئالىم قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىشقىچە، شىنجاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۇدۇل ئىنكاس قايتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقى، ئوچۇق - يورۇقلۇقىنى نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ دۇنيانىڭ «مېھمان كۈتۈش زالى» بولۇپ قالدى.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، يەرشارىۋى تاراتقۇ قابىللىرى شىنجاڭدا جەم بولۇپ، تاراتقۇ ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىدىيە ۋە ئىلغار تېخنىكىلار بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمبەھرىلەپ، شىنجاڭدىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى سۆزلەيدۇ.

شىنجاڭمۇ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت، ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپەتتە دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چېچىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.