تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سۈرەتلىك ھېكايە▏ مول-ھوسۇل پەسلى يەنە يېتىپ كەلدى، مۇختەر ئەر-خوتۇن چېۋەر قولى بىلەن نەشپۈت ئۈزدى

  ​ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى ) 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 8لەردە، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشى بىلەن، كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن بازىرى ئوتتۇرا دوغا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مۇختەر مۇسا ئەر-خوتۇن نەشپۈتلۈككە بېرىپ نەشپۈت ئۈزۈشكە باشلىدى. ھازىر دەل نەشپۈتتىن ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، مۇختەر ئەر-خوتۇن ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ نەشپۈتلۈككە بېرىپ نەشپۈت ئۈزۈپ، بىر ئايدا ئەر-خوتۇن ئىككىسى 45 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇختەر مۇسا نەشپۈت ئۈزمەكتە.

    بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن مۇختەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەزگىلدە ئۇلار تۆت نەشپۈتلۈكنىڭ نەشپۈتىنى ئۈزۈپ بولغان بولۇپ، بۈگۈن نەشپۈتلۈككە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كىرىپ نەشپۈت ئۈزۈشى ئىكەن. 9-ئاينىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، سائەت 8دە نەشپۈتلۈككە بېرىپ نەشپۈت ئۈزۈپ، كەچ سائەت 8دىن ئاشقاندا ئاندىن ئۆيىگە قايتقان. بىر كىلوگىرام نەشپۈت ئۈزسە يەتتە مو بولۇپ، ئىككىيسى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى توننىدىن ئارتۇق نەشپۈت ئۈزۈپ، كۈنىگە 1500 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلغان.

   مۇختەر مۇسا ئەر-خوتۇن نەشپۈت ئۈزگەندە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ، مۇختەر ئاساسلىقى نەشپۈت ئۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، خوتۇنى گۈلجامال قايىر ئاساسلىقى ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى نەشپۈتنى تاللاش، نەشپۈتكە خالتا كىيدۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندا مۆلچەرلىشىچە، بىر نەشپۈتنى تاللاشتىن خالتىغا قاچىلاشقىچە پەقەت ئىككى سېكۇنتلا كېتىدىكەن.  

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇختەرنىڭ خوتۇنى گۈلجامال قايىر (ئوڭدا) ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى نەشپۈتنى تاللاپ، خالتا كىيدۈرمەكتە.

    ئادەتتە مۇختەرنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى بازارغا كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىش بولۇپ، ھەر ئايدا 6500 يۈەن كىرىم قىلىدۇ، خوتۇنى گۈلجامال بازاردىكى مەكتەپ ئاشخانىسىغا ياردەملىشىپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆز مېۋىلىك بېغىنىڭ ئوبوروت ھەققى، چارۋا بېقىش قاتارلىق كىرىملىرىنى قوشقاندا، بىر يىلدا ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.  

10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 14تە، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى، بىر پارچە نان، بىر نەچچە ساپاق ئۈزۈم مۇختەر مۇسا ئەر-خوتۇننىڭ چۈشلۈك تامىقى ئىدى.

   «نەشپۈت ئۈزۈش بەك جاپالىق، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتىمىز، لېكىن كىرىمىمىز يامان ئەمەس!» دېدى مۇختەر خۇشال ھالدا.    

نەشپۈت ئۈزۈش جاپالىق بولسىمۇ، كىرىمى خېلى كۆپ بولۇپ، مۇختەر مۇسا ئەر-خوتۇن ناھايىتى خۇشال ئىدى (10-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

    كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى ۋاڭ يۈەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نەشپۈت ئۆستۈرگۈچىلەر مۇختەر ئەر-خوتۇننى نەشپۈت ئۈزۈشكە ئىشلىتىشنى خالايدۇ. «ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل بازاردا نەشپۈت ئۈزىدىغان پەسىللىك ئىشچىلار ئىچىدە مۇختەر ئەر-خوتۇننىڭ كىرىمى ئەڭ كۆپ بوپتۇ» دېدى ۋاڭ يۈەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.