تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (145) | ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى ئالتۇن توي، مانا بۇ ئەڭ رومانتىك ئىش

ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە

 قۇياش نۇرى رەڭگارەڭ دەرەخ يوپۇرماقلىرىدىن ئۆتۈپ 

ئىللىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ

 بۇ رومانتىك پەسىلدە

كىشى ئالتۇن توي مۇراسىمىغا قاتناشقاندا

خۇددى يىللار داستانىنى كۆرگەندەك بولىدۇ

تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىدا 50 يىل بىللە ئۆتكەن بۇ قەدىناسلارنىڭ

تەبەسسۇمى يەنىلا پارلاق
 
قوللىرى ئىلگىرىكىدەكلا مۇھەببەتلىك ئىدى

مۇھەببەت 

يىللار قوينىدا تاۋلىنىپ چىققان ئالتۇنرەڭ بولۇپ

ھەربىر ئاددىي دەقىقىدە چاقناپ تۇرىدۇ 

رومانتىك ئالتۇن كۈز

   10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، كورلا شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىدا، ئالتۇن تويى بولۇۋاتقان ئەر ـ خوتۇنلار قول تۇتۇشۇپ قىزىل پاياندازدا ماڭماقتا. شۇ كۈنى، كورلا شەھىرى سايباغ كوچا باشقارمىسى «چۇڭياڭ بايرىمىدا ياشانغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، مۇھەببەتلىك ئالتۇن توي» باش تېمىسىدىكى ئالتۇن توينى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئالتۇن تويى بولغان 21 جۈپ  ئەر ـ خوتۇن قول تۇتۇشۇپ قىزىل پاياندازدا مېڭىپ، مۇھەببەتبەتلىك يىللارغا گۇۋاھ بولدى. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى

دەل-دەرەخلەر ئارىسىدىكى گۈزەل كۈز مەنزىرىسى

   10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئاھالىلەر ماناس ناھىيەسى فېڭچېڭ غەربىي يولىنىڭ دەل-دەرەخلەر ئارىسىدىكى پىيادىلەر يولىدا سەيلە قىلماقتا. كۈز شامىلى ماناس ناھىيە بازىرىنىڭ كوچىلىرىنى سىيپاپ ئۆتتى، كۈز تۈسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. دەل-دەرەخلەر ئارىسىدىكى چىغىر يولدا سەيلە قىلغاندا، گويا سېرىق يوپۇرماقلار ئالتۇندەك، قىزىل يوپۇرماقلار ئوتقاشتەك بولۇپ، ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ، مەستخۇش قىلىدۇ. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى

   10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر قارامايلى قۇملۇق باغچىسىدا تۆگىگە مىنىپ،UTV مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قۇملۇقنىڭ مەنزىرىسىنى ھېس قىلماقتا. قارامايلى قۇملۇق باغچىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇملۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى S21 ئالتاي ـ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى قارامايلى مۇلازىمەت رايونىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان، شىنجاڭدىكى تۇنجى قاتناش بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان تۈر ھېسابلىنىدۇ. ئارداق بەسىخان فوتوسى

ئىلىم-پەن دەرسخانىسىدىكى خۇشاللىق

   10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئوقۇغۇچىلار «كۆزى ئۆتكۈر، قولى چاققان» كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 92 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ياش ـ ئۆسمۈرلەر مەكتەپ سىرتى پائالىيەت مەركىزى (باگاڭ مەكتەپ رايونى)دىكى كۆچمە پەن ـ تېخنىكا سارىيىدا ئېچىلغان ئىلىم ـ پەن مائارىپى «ئىككىنچى دەرسخانىسى»غا كەلدى. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

تولىمۇ كۆڭۈللۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش

   10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يەر تەۋرەش، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە. شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت تارقىتىش جەمئىيىتى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت مەركىزى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 131 ـ باشلانغۇچ مەكتەپتە بىرلىكتە «ئالىملارنىڭ روھى تىيانشاننى يورۇتتى. جۇشقۇن ئۆسمۈرلەر ئىلىم ـ پەن بىلەن سەپەرداش» ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم ـ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە 2024 ـ يىللىق «خەلقئارا ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى» پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مول، رەڭدار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنلىرى ۋە ھەمتۈرتكە تەسىراتى ئارقىلىق، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭىنى ئۆستۈردى. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

كەچلىك كۇرستا گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىش

   10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى كەچتە، كورلا شەھەرلىك ياشلار كەچلىك كۇرسى گىرىم قىلىش تەربىيىلەش مەركىزىدە، ئوقۇتقۇچى كۇرسانتلارغا گىرىم قىلىشنى كۆرسەتمەكتە. بۇ يىل 9 ـ ئايدىن بۇيان، كورلا شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى جەمئىيەت كۈچلىرىنى پائال تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ياشلار كەچلىك كۇرسى ئېچىپ، 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ياشلارنى ھەقسىز ھۈنەر ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلىدى. كەچلىك كۇرۇستا يوگا، گىرىم قىلىش، مىللىي ئۇسسۇل، جاز ئۇسسۇلى، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش قاتارلىق 28 دەرس تەسىس قىلىنغان. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى

تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكتات، گۈل ئۆستۈرۈش

   10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر گۈل ـ گىياھ پارنىكىدا گۈل ـ گىياھ ئۆستۈرمەكتە. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6 ـ شىسى فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان شىنجاڭ لۈفېڭ يېزا ئىگىلىك كەسپى پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەسلىھەلىك مېۋە ـ كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسىدا ھازىر 100دىن ئارتۇق پارنىك بار بولۇپ، قىش پەسلىدە پارنىكنى ئىسسىتماي چەيزى تۈرىدىكى كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، «ۋاقىت پەرقى»نى ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك پەسىلسىز كۆكتات ۋە گۈل ـ گىياھلارنى تېرىپ، تۆت پەسىلدە ئىشلەپچىقىرىش، پۈتۈن يىلدا بازارغا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئالدىراشچىلىقى

   10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ جۈنشېڭ ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ياساش سېخىدا، ئىشچىلار شامال كۈچى گېنېراتورى مۇنارىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ شىركەت ئاساسلىقى شامال ئېلېكتىر مۇنارىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مەھسۇلاتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ، نۆۋەتتە زاكاز تالونى يىل ئاخىرىغىچە تىزىلىپ بولدى. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئارزۇسى

   10-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ماشىنا - ئېلېكتىر تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش    ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش» باش تېما قىلىنغان ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى قەشقەر شەھىرىدە باشلاندى.  تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.