تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دىققەت! شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايون، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ئۆزگىرىش بار!

دىققەت 

ھاۋارايى قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن

شىنجاڭدىكى بۇ مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا

لىنىيە ۋە تىجارەت ۋاقتىنى تەڭشىدى، قىش پەسىللىك تاقىدى

كۆپچىلىك سەپەر پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغايسىلەر ~

 01 

 مايتاغ - كۇچا تاشيولى  

 قىش پەسىللىك تاقالدى 

ھاۋارايى، يول ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ

10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 20:00دىن باشلاپ

G217 لىنىيەسىنىڭ مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى

 پۈتۈن لىنىيە بويىچە

قىش پەسىللىك تاقىلىپ

قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىنى چەكلەش قارار قىلىندى

 02 

 قاراجون مەنزىرە رايونى 

 تىجارەت لىنىيەسى ۋە تىجارەت ۋاقتى تەڭشەلدى 

   كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بىخەتەر يول يۈرۈش شارائىتىغا ئاساسەن، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ، قاراجون مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت لىنىيەسى ۋە تىجارەت ۋاقتى تەڭشەلدى.

03

 دۇشى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى 

 تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى 

   ھاۋا سوۋۇغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم تۈر ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىشقا تېگىشلىك بولغاچقا، دۇشى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى  10 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ تاقالدى. كونكرېت ئېچىلىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

 04 

 شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونى مىڭشاشەن تېغى، گۇەيشىشەن مەنزىرە رايونى 

 ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ 

   يېقىندا، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونى مىڭشاشەن تېغى، گۇەيشىشەن مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش شەرتىنى ھازىرلىمىغاچقا،  10 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن باشلاپ ۋاقتىنچە تاقىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   بۇنىڭ ئىچىدە، مىڭشاشەن تېغىنىڭ كونكرېت ئېچىلىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ، گۇەيشىشەن مەنزىرە رايونى 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

 05 

 ئۈرۈمچى تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى تاقالدى 

   ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈن (10-ئاينىڭ 13-كۈنى)دىن باشلاپ، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى تاقالدى. تاقالغان مەزگىلدە، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە سەھنە ئويۇنى ۋە كوچا بويىدىكى دۇكانلار تىجارىتى ۋاقتىنچە توختايدۇ.

 06 

لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونى

قىش پەسللىك تاقالدى

لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونى. سۈرەت مەنبەسى: ساۋەن نۆل ئارىلىق

   ھاۋارايى تۈپەيلى، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى توختىتىپ، باغچىنى رەسمىي تاقاشنى قارار قىلغان. 2025-يىلى مەنزىرە رايونىنى ئېچىۋېتىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ. تەپسىلاتىنى 6016565-0993دىن سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

 07 

 مۇشۈتەي ئېكولوگىيە باغچىسى تاقالدى 

مۇشۈتەي ئېكولوگىيە باغچىسى. سۈرەت مەنبەسى: لېيوۋ ئۈرۈمچى

   پەسىلنىڭ تەسىرىدە، ساياھەتچى دوستلارنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ناھىيەسى مۇشۈتەي ئېكولوگىيە باغچىسى 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ تاقىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى توختاتقان، كونكرېت ئېچىلىش ۋاقتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەنزىرە رايونى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىغا دىققەت قىلىڭ ياكى مەنزىرە رايونىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 13565999813غا تېلېفون قىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 08 

 كۈنەس مەنزىرە رايونى

ۋاقتىنچە تىجارەتتىن توختىدى 

   ھاۋارايى تۈپەيلى، كۈنەس مەنزىرە رايونى قىش پەسللىك ئەندىزىگە كىرىپ، 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتتى، كونكرېت تىجارەت ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.  مەنزىرە رايونى تىجارەتنى توختاتقان مەزگىلدە، بېلەت سېتىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بارلىق مۇلازىمەتلەر توختىتىلىدۇ ھەمدە سىرتقا ئېچىۋېتىلمەيدۇ.

 09 

جامبۇلاق بىلەن يىۋەنچۈەن مەنزىرە رايونىنىڭ بىرلەشكەن ئورنى 

 ۋاقىتلىق تاقالدى

جامبۇلاق مەنزىرە رايونى. سۈرەت مەنبەسى: جامبۇلاق ساياھىتى

   ھاۋانىڭ سوۋۇشى سەۋەبلىك، 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، يىۋەنچۈەن مەنزىرە رايونى بىلەن جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ يىۋەنچۈەن مەنزىرە رايونىدا بىرلەشكەن جايىدا مەنزىرە رايونىنى ۋاقىتلىق تاقاش تەدبىرى يولغا قويۇلدى. مەنزىرە رايونىنى ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى كونكرېت ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.