تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرۇش، مېڭە يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى بۇ كىچىك ھەرىكەتلەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ بېرىڭ

    مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پەن-مائارىپ قانىلى

   چوڭ مېڭە بىزنىڭ تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتىمىزنىڭ قوماندانلىق مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي كۈچى تۇرمۇش سۈپىتىنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى.

   ھالبۇكى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ مېڭە يىگىلەش ۋە ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشىدەك خىرىسقا دۇچ كېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، قارىماققا تەبىئىي كۆرۈنىدىغان بۇ قېرىش جەريانى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئامىللارنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. 

   چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىغان بەش ئامىل:

    ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى

    ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق

    ھەرىكەت كەمچىل بولۇش

   ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيىتى كەمچىل بولۇش

   سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك

    مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرۇشتا تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئەڭ ئاسان ھەرىكەت

     ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتتىن بايقىشىچە، تىلنى چېنىقتۇرۇش مېڭە ۋە يۈز قىسمىدىكى نېرۋىلارنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈز قىسمىدىكى نېرۋا، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

     1. تىلىنى چىقىرىش

     تىل ئۇچىنى ئىمكانقەدەر ئالدىغا سوزۇپ، تىل تۈۋى سوزۇلغاندەك تۇيغۇ بېرىپ ئاندىن يىغىۋېلىش، بۇ ھەرىكەتنى قايتا-قايتا ئىشلەش كېرەك، ھەر قېتىمدا 10 قېتىم مەشىق قىلىش كېرەك.

    تىلنىڭ ئۇزىراش-قىسقىراش ھەرىكىتى ئارقىلىق تىل تۈۋى ۋە ئەتراپتىكى مۇسكۇللارنى سوزغىلى بولىدۇ، بۇ، تىل بىلەن تۇتاشقان نېرۋىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، مېڭىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    2. تىلنى ئايلاندۇرۇش

    تىلنى ئېغىز بوشلۇقىدا ئاستا-ئاستا ئەڭ چوڭ دائىرىدە سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە 10 قېتىم، ئاندىن يەنە سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ قارشى يۆنىلىشى بويىچە 10 قېتىم ئايلاندۇرۇش كېرەك.

   بۇ خىل ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى تىل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى ھەر تەرەپلىمە چېنىقتۇرۇپ، تىلنىڭ جانلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېڭىنى ئومۇميۈزلۈك غىدىقلاش رولىنى ئوينايدۇ. 

    ​3. چىشنى يالاش

   تىل ئۇچىنى ئۈستۈنكى تاڭلايغا 10 سېكۇنت تەگكۈزۈپ، ئاندىن تەرتىپ بويىچە ئۈستۈنكى چىشنىڭ سىرتقى تەرىپى، ئاستىنقى چىشنىڭ سىرتقى تەرىپى، ئاستىنقى چىشنىڭ ئىچكى تەرىپىگە 10 سېكۇنت تەگكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

    بۇ ھەرىكەت تىلنىڭ ئىنچىكە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپلا قالماي، يەنە چىش بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىدىكى نېرۋا ئۇچلىرىنى غىدىقلاپ، مېڭىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تىل ھەرىكىتى ئۇسۇلىنى ئەتىگەن، چۈش، كەچتە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، ئادەتتە ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئىشلەپ، مۇقىم چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

   تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ھەقىقەتەن بىر خىل ئاددىي ئۈنۈملۈك مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىلنى چېنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق مېڭە ۋە يۈز قىسمىدىكى نېرۋىلارنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ ھەمدە يۈز قىسمىدىكى نېرۋا، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە چېنىقىش ئۇسۇللىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.