دىققەت:
ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە
شىنجاڭدىكى بۇ مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى
لىنىيە ۋە تىجارەت ۋاقتىنى تەڭشىدى، قىش پەسىللىك تاقىدى
كۆپچىلىك سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغايسىلەر ~
01
قاراجون مەنزىرە رايونى
تىجارەت لىنىيەسى ۋە تىجارەت ۋاقتى تەڭشەلدى
02
شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونى مىڭشاشەن تېغى
گۇەيشىشەن مەنزىرە رايونى
ۋاقتىنچە تاقالدى
يېقىندا، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونى مىڭشاشەن تېغى، گۇەيشىشەن مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىقىنى، 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ۋاقتىنچە تاقىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇنىڭ ئىچىدە، مىڭشاشەن تېغىنىڭ كونكرېت ئېچىلىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ، گۇەيشىشەن مەنزىرە رايونىنىڭ 2025-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
3
تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى
تاقالغانلىقى جاكارلاندى
9-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە ئارتىسلار «چاڭئېنىڭ ئايغا چىقىشى»نى ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى سىن سۇپىسى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى تاقالغان، بۇ مەزگىلدە، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدىكى سەھنە ئويۇنى ۋە كوچا بويىدىكى دۇكانلار تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختايدىكەن.
4
دۇشى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى
تاقىغانلىقىنى جاكارلاندى
دۇشى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى (ماتېرىيال سۈرەت)
دۇشى ساياھىتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغانلىقى ھەمدە قىسمەن تۈر ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىشقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، دۇشى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى 10 -ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ تاقالغان، كونكرېت ئېچىلىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن.
بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتتى
جامبۇلاق بىلەن يىۋەنچۈەن مەنزىرە رايونىنىڭ بىرلەشكەن ئورنى ۋاقتىنچە تاقالدى
لۇجياۋۋەن قولتۇقى مەنزىرە رايونى قىش پەسىللىك تاقالدى
مۇشۈتەي ئېكولوگىيە باغچىسى تاقالدى
كۈنەس مەنزىرە رايونى تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتتى
مايتاغ-كۇچا تاشيولى قىش پەسللىك تاقالدى
ئۇيسۇن قەدىمىي يولى قىش پەسلىدە تاقالدى
///
يېقىنقى مەزگىلدە شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ
كۆپچىلىك سىرتقا چىققاندا
ھاۋارايى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا كۆرۈپ
قېلىنراق كىيىنىشكە دىققەت قىلغايسىلەر