9-ئاينىڭ 29-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ-پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش-ئەشيا ئوبوروتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش رايونىدا يەشىكلەرگە شىنمېي قاچىلىماقتا. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەنىڭ شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى 570 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 410 مىڭ مو يەردىكى شىنمېي مېۋىگە كىردى.
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش يولىدىن جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرمەكتە. بۇ مەركەزگە نۆۋەتتە 200دىن ئارتۇق باج كەچۈرۈم قىلىنغان كارخانا، 1000دىن ئارتۇق دۇكان ماكانلاشقان بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 10 مىڭ خىلغا يېقىن تاۋار بۇ جايغا توپلاندى.
بوشلۇقتىن كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە نەزەر (9-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، خاس باغ-ئورمانچىلىق، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئون يىل ئىلگىرىكى 4700 يۈەندىن 2023-يىلىدىكى 18 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزدى.
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، قورغاس ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ خېڭتەي توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى پەلەي ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشلىمەكتە. بۇ شىركەت يىلىغا 300 مىليون جۈپ كاۋچۇكلۇق ئەمگەك مۇھاپىزەت پەلىيى ئىشلەپچىقىرىدۇ، مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.
9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئەركەشتام پورتى باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئوۋيا چاڭباڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسىنى ھەيدەپ مال قاچىلىماقتا. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، ئەركەشتام پورتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 1 مىليون توننىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 79 كۈن بۇرۇن مىليون توننىلىق يۈك توشۇشنى تاماملىدى.
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگوۋ بازىرىدىكى مەنشىن ۋاڭيوۋگۇ مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس ناھىيەسى «يېزا ئىگىلىكى+سانائەت+ساياھەت» ئەندىزىسى ئارقىلىق ئۈستىقۇددۇس كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشتى.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى جۇڭنۇڭ دېڭىز شېلى قەشقەر پەن تەتقىقات تەجرىبە بازىسىدا شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ يىل، قەشقەر شەھىرىنىڭ دېڭىز شېلى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 13 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتتى.
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، دېھقانلار قوناق ئورۇش ماشىنىسى بىلەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئايشىن سىرى بازىرى ئان بە كەنتىدە ئۇرۇقلۇق قوناق ئورۇماقتا. نۆۋەتتە، بۇ بازاردا قوناقنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ماركېتىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسى شەكىللەندى.
ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا بىر پارچە گۈزەل، باياشات تۇپراق بار، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ. ئىلگىرى بۇ جاي چېگرا رايون شېئىرلىرىدىكى ئەڭ جاپالىق جاي ئىدى، مىڭ يىللاردىن كېيىن، بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ جاي يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.
ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە، قويۇق خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، قىزغىن تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقناتتى. ئىلگىرىكى چەت، يىراق جايلار ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپ، ھەممىلا جايدا تىنچ-ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.