ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى سىن سۇپىسىدا شەھەرچىنىڭ تاقالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈن (10-ئاينىڭ 13-كۈنى)دىن باشلاپ، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى تاقالدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: تاقالغان مەزگىلدە، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە سەھنە ئويۇنى ۋە كوچا بويىدىكى دۇكانلار تىجارىتى ۋاقتىنچە توختايدۇ.
بۇ يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە، ئارتىسلار «چاڭئېنىڭ ئايغا چىقىشى» دېگەن ئويۇننى قويماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 2023-يىلى 6-ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلىغان، يېمەك-ئىچمەك، ناخشا-ئۇسسۇل، ئويۇن قويۇش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان، كوچا رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى تاڭ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدىكى قەدىمىي ئۇسلۇبنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئون نەچچە ئويۇن قويۇش سەھنىسى تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى تۈرلۈك چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش بىلەن تەمىنلىگەن. 2024-يىلى، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تىجارەت باشلاپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالغان.