ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) شىنجاڭدا تىجارەت خاراكتېرىدىكى كونا يۈك ئاپتوموبىللىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپتوموبىللار ئەڭ كۆپ بولغاندا 140 مىڭ يۈەن ئالالايدۇ.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون قاتناش-تىرانسپورت ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنە يېڭىلاش بويىچە بانكا بىلەن كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، بۇ، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى ۋە ئاپتوموبىل تىرانسپورت كارخانىلىرى ئۈچۈن ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى يولدا كېتىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىللىرى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى
يىغىندا، تىجارەت خاراكتېرىدىكى كونا يۈك ئاپتوموبىللىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى ۋە تەپسىلىي قائىدىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن، دۆلەتنىڭ 3-باسقۇچتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى مۇددەتتىن بۇرۇن بىراك قىلىنغان دىزېل يېقىلغۇلۇق تىجارەت خاراكتېرىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى (ئوتتۇرا تىپتىكى، ئېغىر تىپتىكى)، دۆلەتنىڭ 6-باسقۇچتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى مۇددەتتىن بۇرۇن بىراك قىلىنغان ھەم يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان يۈك ئاپتوموبىلى ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك شەھەر سوغۇق زەنجىرسىمان تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يۈك ئاپتوموبىللىرى (ئوتتۇرا تىپتىكى، ئېغىر تىپتىكى)غىلا بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. مۇددەتتىن بۇرۇن بىراك قىلىنغان دىزېل يېقىلغۇلۇق كونا يۈك ئاپتوموبىللىرى ئىچىدە، ئوتتۇرا تىپتىكى ۋە ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تۈرى، شۇنداقلا مۇددەتتىن بۇرۇن بىراك قىلىنغان ئوخشاش بولمىغان يىل چېكىگە ئاساسەن، 10 مىڭ يۈەندىن 45 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان تىجارەت خاراكتېرىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى ئىچىدە، دۆلەتنىڭ 6-باسقۇچتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان دىزېل يېقىلغۇ لۇق تىجارەت خاراكتېرىدىكى يۈك ئاپتوموبىلى (ئوتتۇرا تىپتىكى، ئېغىر تىپتىكى)غا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل 25 مىڭ يۈەندىن 65 مىڭ يۈەنگىچە؛ يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك تىجارەت خاراكتېرىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 35 مىڭ يۈەندىن 95 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ.
تىجارەت خاراكتېرىدىكى كونا يۈك ئاپتوموبىللىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاشقا ياردەم پۇلى بېرىلىپلا قالماي، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى ۋە ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرىمۇ مۇناسىپ قەرز پۇل بىلەن قوللايدۇ ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا ئېتىبار بېرىدۇ.
شىنجاڭ لەنتيەن نېفىت خىمىيە ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 400دىن ئارتۇق تىجارەت خاراكتېرىدىكى يۈك ئاپتوموبىلى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل، پىلانغا ئاساسەن، كارخانا بۇ يىل 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى يېڭىلايدۇ. «بىراك قىلىنىپ يېڭىلانسا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، يەنە بانكا قەرز پۇلىدىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ، مۆلچەرىمىزچە 10 مىليون يۈەن تېجەپ قالىدىكەنمىز»، دېدى بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت تىرانسپورت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئەن دەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى