مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
لوپنۇر-چاقىلىق تۆمۈريولىغا رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى (10-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شۇ كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول گۇرۇھى 1-ئىدارىسى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان لوپنۇر-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ مىرەندىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكىنىڭ غول لىنىيەسىگە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلدى. لوپنۇر-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ مىرەن-چاقىلىق بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ مىرەن-چاقىلىق بۆلىكىنىڭ تىرانسپورت بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، رايون تۆمۈريولىنىڭ يۈك تىرانسپورت مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ.
جاۋ شۇمىڭ فوتوسى