ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي) يېقىندا، خوتەندىكى قۇش ھەۋەسكارى خوتەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەردە توپ- توپ قارا لەيلەكنىڭ يەم ئىزدەپ، ئۇچۇۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، خوتەن ۋىلايىتىدە تۇنجى قېتىم خاتىرىلەنگەن نەچچە ئون قارا لەيلەكنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەپ» شۇ جايدا ماكانلاشقان كۆرۈنۈشى ئىكەن.
يېقىندا، خوتەندىكى قۇش ھەۋەسكارى خوتەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەردە توپ- توپ قارا لەيلەكنىڭ يەم ئىزدەپ، ئۇچۇۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتتى. چېن ۋېنجيې فوتوسى
قارا لەيلەك بىر خىل چوڭ تىپتىكى لەيلەك ئاياغلىقلار بولۇپ، دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇش تۈرى، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. سانى ئاز بولۇپ، «قۇشلار ئىچىدىكى مۈشۈكئېيىق» دېگەن نامى بار.
يېقىندا، خوتەندىكى قۇش ھەۋەسكارى خوتەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەردە توپ- توپ قارا لەيلەكنىڭ يەم ئىزدەپ، ئۇچۇۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتتى. چېن ۋېنجيې فوتوسى
خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئابلەت مەمەت مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شۇ جايدا ياشايدىغان پەسىل قۇشىنىڭ تۈرى 300 خىلدىن ئاشتى، قارا لەيلەك قاتارلىق ئەتىۋارلىق قۇشلارمۇ كۆپلەپ پەيدا بولۇشقا باشلىدى، «خىزمەتچى خادىملار خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسى، قاراقاش دەرياسى، چىرا ناھىيەسىدىكى دامىكۇ دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، خوتەن ناھىيەسىدىكى شەرق قىزاردى سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇلۇق يەرلەردە ئىلگىرى قارا لەيلەكنى خاتىرىلىگەن».