تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلىدىغان ئادەم سانى ھەسسىلىنىدۇ، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى 10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

  بۈگۈن (10- ئاينىڭ 12- كۈنى) چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو تىڭتىڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەكتەپلەر ۋە جەمئىيەت پائال قاتنىشىدىغان ھەر تەرەپلىمە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى ئورناتتى، بۇ، ئاساسلىقى، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى، ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 2023- يىلى مەملىكەت بويىچە مالىيەدىن 93 مىليارد 200 مىليون يۈەن سېلىنىپ، 31 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلدى، مالىيە ئۆسۈم ياردىمى قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق، بانكىلارنىڭ 70 مىليارد يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى تارقىتىشىغا مەدەت بېرىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مۇنەۋۋەرلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ تەڭشەيدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  بىرىنچى قەدەمدە، 2024- يىلى تۆۋەندىكى سىياسەت- تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ:

  بىرىنچى، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلىدىغان ئادەم سانى ھەسسىلىنىدۇ، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ھەر يىلقى 60 مىڭ كىشىدىن كۆپەيتىپ 120 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈلىدۇ، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ھەر يىلقى 35 مىڭ كىشىدىن كۆپەيتىپ 70 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈلىدۇ، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ھەر يىلقى 10 مىڭ كىشىدىن كۆپەيتىپ 20 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  ئىككىنچى، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلقى 8000 يۈەندىن ئۆستۈرۈپ 10 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلقى 5000 يۈەندىن ئۆستۈرۈپ 6000 يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  ئۈچىنچى، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ، 2024- يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوتتۇرىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى يىلىغا 3300 يۈەندىن يىلىغا 3700 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  تۆتىنچى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بىلەن قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. سوممىسى ئۆستۈرۈلۈپ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 16 مىڭ يۈەندىن يىلىغا 20 مىڭ يۈەنگە، ئاسپىرانتلارنىڭ 20 مىڭ يۈەندىن 25 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىپ، ئوخشاش مەزگىل، ئوخشاش دەرىجىدىكى قەرز پۇل بازىرىدىكى باھا مەلۇم قىلىنغان ئۆسۈم نىسبىتىدىن 70 ئاساسىي نۇقتا كېمەيتىلىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  ئىككىنچى قەدەمدە، 2025- يىلى ئاسپىرانتلارنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ ھەم ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسەتنىڭ بالدۇر ئەمەلىيلىشىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.