تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئابلەت ئەنۋەر: «ئۈچ تەدبىر»دە يېڭىلىق ياراتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېزا- كەنتلەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر تاڭ شۆچىن

  «يېرىمىز ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، مەن قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللاندىم، خوتۇنۇم ناھىيە بازىرىغا بېرىپ دۇكان ئاچتى. يەر ئوبوروت ھەققىنى قوشقاندا، ئائىلىمىز ئۈچ ئۈلۈش كىرىم قىلىدىغان بولدۇق.» يېقىندا، لوپنۇر ناھىيەسى ئاقسۇپا يېزىسى يېڭىباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىسھاق ئەيسا ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، ناھايىتى خۇشال بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىباغ كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئابلەت ئەنۋەر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېتەكلەپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىباغ كەنتىدىكى يۇرتداشلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، كەنت قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىلدى

  كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ زورايتىلدى

  «كەسىپنىڭ ئېشىش نۇقتىسى قەيەردە بولسا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى شۇ يەردە قۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى شۇ يەرگىچە ئۇزارتىش كېرەك.» بۇ، ئابلەتنىڭ يېڭىباغ كەنتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش پىكىر يولى.

  يېڭىباغ كەنتىنىڭ گۆش كەپتىرى بېقىش ئەنئەنىسى بار بولۇپ، باچكىلارنىڭ ئادەتتە سېتىپ چىقىرىلىش مەزگىلى ئالتە ئايلا بولاتتى. قانداق قىلغاندا باچكىلارنى بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سېتىپ چىقارغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا باچكىنى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ 2019- يىلى كەنت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان ئابلەت دائىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىناتتى.

  2022- يىلى، ئابلەت لوپنۇر ناھىيەلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ كوللېكتىپ كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «كەنت پارتىيە كومىتېتى باشلامچى بولۇپ قۇرۇش + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تىجارەت ئەندىزىسىنى بېكىتىپ، گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، يېڭىباغ كەنتىنىڭ باچكىلىرى بېيىش كەپتىرىگە ئايلىنىپ، ئاقسۇپا يېزىسىنىڭ يېتەكچى كەسپىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ئابلەت مۇنداق دېدى: «گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى خالايدىغانلار بولسىلا، كەنتىمىزدىكى گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ».

  ئابلەت شۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى. ھەر يىلى قىشتىكى بوش مەزگىلدە، ئاقسۇپا يېزىسىدىكى ئامما بىكار قالمىدى. ئابلەت يېزىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىش ئارزۇسىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى كېڭىشىش يىغىنىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاممىنى گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى، يەنە ئاممىنى باچكا باقمىچىسى قاتارلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىلدى

  ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىچوڭ رول ئوينىدى

  مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت بولۇپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەچكە، ئۆيىنىڭ ئالدى- كەينىنى ۋاقتىدا يىغىشتۇرالماي، كەنت قىياپىتى تەسىرگە ئۇچرىغانىدى.

  «بىز كۆپ تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق، كەنت دەرىجىلىك ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى قۇرۇپ، بىر تەرەپتىن مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى قارار قىلدۇق» دېدى ئابلەت.

  2022- يىلى، ئابلەتنىڭ تەكلىپى بىلەن، يېڭىباغ كەنتى پارتىيە كومىتېتى باشلامچى بولۇپ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى قۇرۇپ، 11 مەخسۇس خادىم تەكلىپ قىلىپ، كۆكەرتىشنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى، ئاممىۋى رايون تازىلىقىنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى ھەمدە ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ شىركەت جەمئىي 245 قېتىم ناھىيە يولىنى تازىلاش، پۈتۈن يېزىنىڭ ئاممىۋى رايون مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش، 600دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانىسىنىڭ بۇلغىمىسىنى سۈمۈرۈش، ئاممىۋى ھاجەتخانىنى ئاسراش، ئائىلە ئىشلىرى، سۇ، توك، پار رېمونت قىلىش، بىكار تۇرغان ھويلا- ئارانلارنىڭ كىچىك ئەگمە پارنىك قۇرۇلۇشى ھەم باغ پەرۋىشى، باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۈستىگە ئالدى.

  بۇ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى ۋە ئاسرىشى بىلەن، يېڭىباغ كەنتى تېخىمۇ چىرايلىق تۈسكە كىردى.

  كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىلدى

  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇلۇپ قىممەت ئاشۇرۇلدى

  ئاقسۇپا يېزىسىدا بىر تەبىئىي تۇز كۆل − لوپنۇر تۇز كۆلى بار. تۇز كۆلى قىش پەسلىدە مۇز تۇتمايدۇ، ياز پەسلىدە قۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۇ ساغلاملىق كۈتۈنۈشىدىكى بىر ياخشى جاي.

  2023- يىلى 3- ئايدا، ئاقسۇپا يېزىسى لوپنۇر تۇز كۆلىدە ساغلاملىق كۈتۈنۈشى ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  يېڭىباغ كەنتى لوپنۇر تۇز كۆلىگە ناھايىتى يېقىن ئىدى، ئابلەت پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ تۇز كۆلى ساغلاملىق كۈتۈنۈشى ساياھەتچىلىكىگە پائال سىڭىشىپ، سۇ، توك يولى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەربىر ساياھەتچىنىڭ تۇز كۆلىدە يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاقسۇپا يېزىسى ئانار دانىسى بازىرىغا كىرگەندە، كەچلىك بازارنى قاپلىغان كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى پىيادىلەرنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قوياتتى. كاۋاپتىن پىژ- پىژ قىلىپ ياغ ئېقىپ چۈشۈۋاتاتتى، ئاچچىق- چۈچۈك شورپىلىق تېتىتقۇ ئۆپكە- ھېسىپ ئۈستىگە قۇيۇلۇۋاتاتتى... قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن كېچىلىك تۇرمۇش ئەمدىلا باشلانغانىدى.

  ئانار دانىسى بازىرى يېڭىباغ كەنتىگە جايلاشقان، تىجارەت ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 20دىن 24 كىچە بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، بېكەت، مەكتەپ ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قوشنا، ئىنتايىن ئاۋات بولۇپ، ئاقسۇپا يېزىسىنىڭ 3- كەسپىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ.

  كەلگۈسى ئۈستىدە توختالغاندا ئابلەت مۇنداق دېدى: «بىز بۇ جاينى ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك- ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش بىر گەۋدىلەشكەن خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسى قىلىپ بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى مۇشۇ جايدا ئىستېمال قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.