□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي
9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتە، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى يالقۇنتاغ چۆللۈك كاۋاپخانىسى غىزالىنىشنى ساقلاپ ئولتۇرغان مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى. كاۋاپ ۋە پولۇنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. «توشقان گۆشى چىقتى!» ئاشخانىنىڭ مۇلازىمەتچىسى چوڭ تەخسىدە مەززىلىك توشقان گۆشى قورۇمىسىنى ئېلىپ كېلىپ تاماق ئۈستىلىگە قويدى.
«ئاشخانىمىزدا لەڭمەن، قوي گۆشى پولۇسىدىن باشقا يەنە چوڭ تەخسىلىك توشقان گۆشى قورۇمىسى، توشقان گۆشى تونۇر كاۋىپى، توشقان گۆشى زىخ كاۋىپى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەززىلىك تائاملار بار، بۇ توشقانلارنى ئۆزىمىز باققان، تەمىگە گەپ كەتمەيدۇ» دېدى ئاشخانىنىڭ مەسئۇلى ئەزىمەت ئاسىم پەخىرلەنگەن ھالدا.
33 ياشلىق ئەزىمەت چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى قورغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. ئۇ ناھىيە بازىرىدا بىر ئاشخانا ئاچتى. 2023 - يىلى، ئاشخانىنىڭ قورۇما تۈرلىرىنى موللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەزىمەتتە توشقان بېقىش ئويى تۇغۇلۇپ، توشقان گۆشىدىن مەززىلىك، ئېسىل تائام تەييارلاپ، بۇ ئارقىلىق خېرىدارلارنى جەلپ قىلماقچى بولدى. ئۇ ئويلىغىنىنى قىلىپ، بىر توشقان باقمىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. باقمىچىلىق مەيدانىدا، ئەزىمەت مەسئۇل كىشىنىڭ توشقاننى مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى سىچۇەنگە سېتىپ، خېلى كۆپ پايدا ئالغانلىقىنى كۆردى، بۇ ئۇنىڭ توشقان بېقىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئەزىمەت 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق توشقان بېقىش ئۆيى سېلىپ، توشقاندىن 1000نى سېتىۋېلىپ باقتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ تەجرىبىسى مول تېخنىك خادىملارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلدى ھەم باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زامانىۋىلاشقان باقمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلدى.
ئەزىمەت مۇنداق دېدى: توشقان ناھايىتى تېز كۆپىيىدۇ، ھەربىر چىشى توشقان يىلىغا سەككىز كاتەك بۆجەنلەيدۇ، ھەربىر كاتەكتە 10دىن 13كىچە بۆجەن بار بولۇپ، ئىككى ئايدىن كۆپرەك باققاندىن كېيىن سېتىشقا بولىدۇ.
بۇ يىل 2 - ئايدا، 1 - تۈركۈمدىكى توشقانلار سېتىلدى. ئەزىمەت چوڭ تەخسىلىك توشقان گۆشى قورۇمىسى، توشقان گۆشى تونۇر كاۋىپى قاتارلىق ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى بازارغا سېلىپ، نۇرغۇن مېھماننى كېلىپ تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى. «ئاشخانىمىزدا ھەر ئايدا 150 توشقان ساتالايمىز، قالغان توشقانلارنى باشقا سودىگەرلەرگە سېتىپ بېرىمىز. تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، توشقاندىنلا ھەر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز» دېدى ئەزىمەت.
توشقان باقمىچىلىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، قورۇما تۈرلىرىدە كۆپ خىللىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاشخانىنىڭ سودىسى بارغانسېرى بازار تاپتى. ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىن كەلگەن 15 كەنت ئاھالىسى ئەزىمەتنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىدى.
نۆۋەتتە، ئەزىمەتنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا بېقىلىۋاتقان توشقان 2000دىن ئارتۇق بولۇپ، ھەر ئايدا 1000غا يېقىن توشقان سېتىپ چىقىرىلىدۇ. ئاشخانا بۇنچە كۆپ توشقاننى ئىشلىتىپ بولالمىغاچقا، ئۇ سىچۇەندىكى خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، توشقانلارنى سىچۇەنگە ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. «مەن يەنە باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىمەن، ۋاقتى كەلگەندە باقمىچىلىق مەيدانىدا ئىشلەشكە يەنە بىرنەچچە كەنت ئاھالىسىنى تېپىپ كېلىپ، يۇرتداشلارنى بىرلىكتە كۆپ پۇل تېپىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى ئەزىمەت.