شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا، شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 106 دۆلەت ۋە رايوندىكى 208 ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ۋەكىل «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى»نى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى شىنجاڭدا ئېچىلىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئورتاق ئۆتكۈزىدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر يۇغۇرۇلغان، كۆپ خىل مەدەنىيلىك توپلانغان ئۇلۇغۋار تارىخقا گۇۋاھ بولۇۋاتىدۇ، شىنجاڭدا دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا يىغىن قارالمىسىدىن باشقا، يەنە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئۈچ كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخى، پارلاق مەدەنىيىتى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نەق مەيداندا ھېس قىلالايدۇ.
دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى مېخانىزمى 2009 - يىلى قۇرۇلغان، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، تاس ئاگېنتلىقى، گۇڭتۇڭ ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق تاراتقۇ ئاپپاراتلىرى بىرلىكتە قۇرغان بولۇپ، مۇھىم يەرشارىۋى تاراتقۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ.