شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تايې ئاتېسك - سېرراسى ئامدېغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئېفىيوپىيە فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ئېفىيوپىيە مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. مەن جۇڭگو - ئېفىيوپىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ تايې بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، 2024 - يىللىق جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ئېفىيوپىيە دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.