تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى لياڭ چياڭ بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى لياڭ چياڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ پۇختا سىياسىي ئاساس. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش دەپ قارايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ سىياسىي يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جۇڭگو ـ ۋېيتنام مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىدىيەۋى قاراش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە مۇھاكىمىسى، كادىرلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق مېخانىزملاشقان سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىشى كېرەك. تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. خەلق ئىچى دوستلۇقىنى يېتىلدۈرۈپ، كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ۋە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق تەربىيەسى ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 7 ـ ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئېچىپلا قالماي، يەنە ۋىيېتنام ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىسلاھات يولىدىكى سەپەرداشلاردىن، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى سۇ لىن باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنامدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، ئومۇمىي خەلق ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقى، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ.

لياڭ چياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام تەرەپ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، جۇڭگو چوقۇم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، ۋىيېتنام قاتارلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەنمۇ زور قىممەتكە ئىگە. ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەت، ۋىيېتنام جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋىيېتنامنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى مەزگىلى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مۇساپىسىدە ۋىيېتنام تەرەپنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىزچىل ۋىيېتنامنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيەسىنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى قىلىدۇ. ھازىر ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ، ۋىيېتنام داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەر، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، ھەل قىلىپ، «يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇش روھىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ۋە ۋىيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.