تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دېھقانلار رەسىملىرىدىكى گۈللىنىش مەنزىرىسى | گۈزەللىك تام قەغىزىگە ئايلاندى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، «مول ھوسۇلغا تولغان پەسىل،   بەختكە تولغان بايىنغولىن» باش تېما قىلىنغان 2024-يىللىق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دېھقانلار رەسىمى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى بايىنغولىن ئوبلاستلىق گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى، رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئېتىز باشلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن دېھقان رەسسامنىڭ نادىر ئەسەرلىرى توپلاندى، ھەر بىر پارچە ئەسەر بىر ھېكايىگە ئوخشاش تۇرمۇش پۇرىقى ۋە كۈرەش قىلىش كۈچىگە تولغانىدى. قېنى يۈرۈڭ، بىز بىللە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى.

ئالتۇن كۈزدە نەشپۈتنىڭ تولدى شېخى مېۋىگە،

باغۋەنلەرنىڭ سېۋىتى تولدى پىشقان نەشپۈتكە.

مول ھوسۇلدىن ئەل قەلبى چۆمدى چەكسىز شادلىققا،

مەنزىرىسى گۈللىنىش يېڭى يېزا-كەنتتە.

دېھقانلار رەسىمى ئىجادىيەتچىسى: پەرھات غەيرەت

   كۈز پەسلىدە ھەممە جاي قىزىللىققا پۈركەندى

دېھقانلار بەك ئالدىراش لازىلارنى قۇرۇتتى

كۈن نۇرىدا چاقناتقان كۆزنى قىزىل لازىلار

     لازىچىلىق بېيىشنىڭ يېڭى كەسپىگە ئايلاندى

 دېھقانلار رەسىمى ئىجادىيەتچىسى: بۇرمان

  مەيىن شامال چىقىپ تۇرار سۈپسۈزۈك سۇلىرى،

داڭلىق يەنە باغراشنىڭ بېلىقى ھەم راكلىرى.

 بېلىقچىلار بېلىق تۇتار كۆل ئېچىشنىڭ پەسلىدە،

ئامبار تولدى بېلىققا تومپايدى ھەم ھەميىنى

 دېھقانلار رەسىمى ئىجادىيەتچىسى: چېن شۆلۇ 

پەرھات غەيرەت 

بۇرمان 

    چېن شۆلۇ

  بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى دېھقانلار ئىجاد قىلغان دېھقانلار رەسىملىرىدە ئاددىي قەلەم ماھارىتى ۋە يارقىن رەڭلەر ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، تېرىلغۇ يەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ھەم گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئىپادىلىنىپ، مول ھوسۇل شادلىقى بىلەن سەنئەتنىڭ جەلىپكارلىقى ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.