تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پۇقرالارنى گۈزەل تۇرمۇشتىن يېقىن جايدىلا بەھرىلەندۈردى

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ گاۋشىنجىي كوچا باشقارمىسى مېيلىن مەھەللىسىدىكى بىر تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) «ئۆيدىن چىقىپ تاللا بازىرىغا بېرىشقا بەش مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ، ئەتراپتا يەنە بانكا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى بار، بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ بەك ئازادە، بەك قولايلىق ھېس قىلدىم.» 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، گاۋشىنجىي كوچا باشقارمىسى مېيلىن مەھەللىسىنىڭ 75 ياشلىق ئاھالىسى دۇڭ فاشۈن شۇنداق دېدى.

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ گاۋشىنجىي كوچا باشقارمىسى مېيلىن مەھەللىسىدە كەسىپ بېجىرمەكتە.

   دۇڭ فاشۈننىڭ تەسىراتى بۇ مەھەللە بەرپا قىلغان 15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەھەللە تەۋەلىكنىڭ نوپۇس كۆپ بولۇش، تىجارەتچىلەر مەركەزلەشكەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مۇلازىمەت كەسپىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى بەرپا قىلدى.

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ گاۋشىنجىي كوچا باشقارمىسى مېيلىن مەھەللىسىگە جايلاشقان ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئەينىكىنى سۈرتمەكتە.

   «ھازىر تەۋەلىكىمىزدە تاللا بازىرى، يەسلى، كىتابخانا، ئائىلە مۇلازىمەت شىركىتى، ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى قاتارلىقلار بار، كېيىنكى قەدەمدە بىز ياشانغانلارنى كۈتۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش جەھەتتىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز» دېدى مېيلىن مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى سۈنبەي يەنزى.

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ گاۋشىنجىي كوچا باشقارمىسى مېيلىن مەھەللىسىدىكى بىر تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالماقتا. 

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ گاۋشىنجىي كوچا باشقارمىسى مېيلىن مەھەللىسىدىكى بىر كىتابخانىدا كىتاب كۆرمەكتە.

 «تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.