10-ئاينىڭ 11-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى، خەۋىرى
2024-يىللىق دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا «كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك سىستېمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي يىغىن، كۆپ مەيدانلىق مەخسۇس يىغىن ۋە پاراللېل يىغىن ھەمدە دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى تەسىس قىلىنغان.
ئېكسكۇرسىيەچىلەر دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا تۇپراقسىز سۇدا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى چۈشەنمەكتە (10-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان).
10-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېكىسكۇرسىيەچىلەر دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا ئاقىل ئۆسۈملۈك زاۋۇتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان تۆت چاق سۆرەيدىغان چاتما شەكىللىك يىغىش-ئۈزۈش ماشىنا ئادىمى.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا يۈننەندىن كەلتۈرۈلگەن قەھۋەنى چۈشەنمەكتە.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى نەق مەيدانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم يىغىش-ئۈزۈش ماشىنا ئادىمىدىن پايدىلىنىپ مەشغۇلات قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئالتە پىرقىرىما قاناتلىق ئۆسۈملۈك ئاسرايدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ.