تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرىدا بۇ يىل 22 مىڭ 800 مو يەرگە لازا تېرىلىپ، ساۋەن شەھىرىدىكى يېمەكلىك لازا تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %45نى ئىگىلىدى. بۇ يەردە يىپ لازا، تاختا لازا، قاپاق لازا ۋە دېڭلۇڭجياۋ لازىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى 20 نەچچە خىل سورت بار.
يەنسىخەي بازىرى شىنجاڭدىكى ئەڭ كۆلەملەشكەن لازا يىغىش-تارقىتىش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىلىغا 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇتۇلغان لازا ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇنىڭ %80تىن كۆپرەكى شەنشى، خۇنەن قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى لازا پىششىقلاش، يىغىش-تارقىتىش چوڭ ئۆلكىلىرىگە سېتىلىدۇ، يەنە كورېيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق چەت ئەل بازارلىرىدىمۇ سېتىلىدۇ.
مول ھوسۇللۇق 10-ئايدا، بۇ يەرنىڭ قۇرۇتۇش مەيدانى قىزىل رەڭدە بويىلىپ، ئەتراپنى لازا ھىدى قاپلىدى، كىشىلەرنىڭ قەلبى قىپقىزىل ئۈمىدكە تولدى.
مۇخبىر: نيې نىڭ
نازارەتچى: شۆ جىڭ، لى خۇڭيەن