شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، 2024-يىللىق شىنجاڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ساھەسىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىستېمالچىلار شىنجاڭدا 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئوچاق سايمانلىرى، بۇس تارتقۇ قاتارلىق سەككىز خىل ئائىلە ئېلېكتىر مەھسۇلاتىنى سېتىۋالسا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، 1-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %5ى بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، ھەر بىر ئىستېمالچىغا ھەر بىر تۈردىكى مەھسۇلاتتىن بىرىگىلا ياردەم پۇل بېرىلىدىكەن، ھەر بىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇل 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونمۇ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىسىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئىستېمالچىلار 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، يەر سۈپۈرۈش ماشىنا ئادىمى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەت قاچىسى قاپقىقى، تاختا كومپيۇتېر ئېلېكتىرون تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قاتارلىق بەش خىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسا، يۇقىرى بولغاندا 1000 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، يۇقىرىقى مەھسۇلاتلارنى يېڭىدىن سېتىۋېلىشقا قاتناشقان ئىستېمالچىلار 500 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى