سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسى: مەلۇم ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىن تارتىۋېلىنغان سۈرەت
يېقىندا مەلۇم بىر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا: «كىچىك ۋاقتىدا چوقۇم يېتەرلىك ۋاقىت ئۆمىلەش كېرەك، بولمىسا سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، چوڭ بولغاندا ماشىنا، پاراخوت، ئايروپىلانلاردا باش قېيىش، تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ماتېماتىكا ساھەسىدىكى بوشلۇق تەسەۋۋۇر كۈچى ناچار بولىدۇ...» دەيدىغان گەپ تارقالغان.
پىتنە - ئىغۋا تەھلىلى
ئۇنداق ئەمەس.
سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، ئايىغى بالدۇر چىقىش بىلەن سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تەتقىقات يوق. سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇمكىن بولىدىغان سەۋەبى تۇغما سەزگۈ ئۇچۇرلىرىنى تەڭشەش، شۇنداقلا مۇھىت ئامىلىغا نىسبەتەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان يەككە تەن پەرقىدۇر، ئۇنىڭدىن قالسا ئىرسىيەت، تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى، بالدۇر تۇغۇلۇش، تۇغۇلۇشنىڭ ئالدى - كەينى مەزگىلىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى مۇھىتتىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى، بېقىلىش ئۇسۇلى ۋە بېقىلىش مۇھىتى، ئاتا - ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ئامىللار (مەسىلەن، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، تەن ساپاسى) قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
سېزىم بىرلىكى ۋە سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇش دېگەن نېمە
سېزىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش چوڭ مېڭىدىكى جەرياننى تەسۋىرلەيدۇ، بۇ جەريانلار ئادەم بەدىنىنى بەش خىل سەزگۈ ئەزا (كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، تېگىش سېزىمى، دالانچە سېزىمى، ئونتولوگىيە سېزىمى)دىن قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى تەشكىللەپ ۋە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئورگانىزمنى ئىناق، ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.
سېزىم بىرلىكىنىڭ بۇزۇلۇشى چوڭ مېڭىنىڭ بۇ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىرىكتۈرۈشتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ھەرىكەت ماھارىتى، تەڭپۇڭلۇق ۋە قول بىلەن كۆزنىڭ ماسلىشىشى جەھەتتە قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ، بىر قاتار ھەرىكەت مەسىلىلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۆگىنىش، كۆڭۈل قويۇش، قىياپەتنى كونتىرول قىلىش، كىچىك مۇسكۇللارنىڭ ماسلىشىشى، كەيپىيات، تۇرمۇش ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى ئىقتىدار توسالغۇسىدا ئىپادىلىنىدۇ.
سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى، بۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن:
يەككە تەن پەرقى: تۇغما سەزگۈ ئۇچۇرلىرىنى تەڭشەش ھەمدە مۇھىت ئامىلىغا نىسبەتەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان يەككە پەرق.
گېن ۋە ئىرسىيەت: بەزى ئىرسىيەت ئامىللىرى ياكى ئاتا - ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ئامىللار (مەسىلەن، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، تەن ساپاسى) قاتارلىقلار بەزى بالىلاردا ئاسانلا سېزىم بىرلىكىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
نېرۋىنىڭ يېتىلىشى: نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى پىشىپ يېتىلمەسلىك ياكى بەزى يېتىلىشى بىنورمال بولۇش تەسىرى بولۇشى مۇمكىن: تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى (مەسىلەن، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، بەزى ئالاھىدە دورىلار قاتارلىقلار)، بالدۇر تۇغۇلۇش، تۇغۇلۇشنىڭ ئالدى - كەينى مەزگىلىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر (مەسىلەن، تۇنجۇقۇپ قېلىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار)، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى مۇھىتتىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى.
مۇھىت ئامىلى: بېقىلىش ئۇسۇلى ۋە بېقىلىش مۇھىتى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ دەسلەپكى تۇرمۇش تەجرىبىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئويۇن ئويناش، ئىزدىنىش، ھەرىكەت قىلىش ۋە مۇھىت بىلەن ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ سەزگۈ ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. بالىلاردا مۇۋاپىق سەزگۈ غىدىقلىنىشى كەمچىل بولسا، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى زىيادە ئىشلەتسە ياكى مەنىسىز مۇھىتتا ياشىسا، سېزىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن.
ئايىغى بالدۇر چىقىش دېگەن نېمە
«بالىلار تەرەققىياتى پسىخولوگىيەسى»نىڭ 3 ـ نەشرىدىكى دەرسلىكنىڭ ئىستاتىستىكا مودېلىغا ئاساسلانغاندا، بوۋاقلارنىڭ ئىككى قولى بىلەن ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى تۇتۇپ ماڭالايدىغان ئوتتۇرىچە يېشى 9.8 ئايلىق، بۇنداق مېڭىشنىڭ بالدۇر مەزگىلى 7.1 ئايلىق؛ مۇستەقىل بىر نەچچە قەدەم ماڭالايدىغان ئوتتۇرىچە يېشى 13.7 ئايلىق، بۇنداق مېڭىشنىڭ بالدۇر مەزگىلى 11.2 ئايلىق ئىكەن.
ئىستاتىستىكا ئىلمى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بوۋاقلار 7.1 ئايلىقتىن بۇرۇن ئىككى قولى بىلەن ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى تۇتۇپ مېڭىشنى ئۆگەنسە ياكى 11.2 ئايلىقتىن بۇرۇن مۇستەقىل ماڭالىسا، بۇنى «ئايىغى بالدۇر چىقىش» دېيىشكە بولىدۇ.
لېكىن ھەرىكەت ماھارىتىنى ئىگىلەش ئاساسەن تۆۋەندىكى تۆت ئامىلنىڭ ئورتاق مەھسۇلى: بىرىنچى، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى؛ ئىككىنچى، بەدەننىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى؛ ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ ئىچكى نىشانى؛ تۆتىنچى، مۇھىتنىڭ ماھارەتنى قوللىشى. يەنى ئايىغى بالدۇر چىقىش بوۋاقلاردىكى نورمال يېتىلىش پەرقى بولۇپ، مېدىتسىنادا «ئايىغى بالدۇر چىقىش» بىنورمال يېتىلىش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايىغى بالدۇر چىقىشنىڭ كېيىنكى ناچار تەسىرىنىمۇ كۆزەتمىگەن.
ئايىغى بالدۇر چىقىش بىلەن سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بوۋاقلارنىڭ ئايىغى چىقىشىدا يەككە تەن پەرقى بولىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ 11 ئاي ئەتراپىدىن باشلاپ ئايىغى چىقىدۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ 15 ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن ئايىغى چىقىدۇ. كۆپ ساندىكى بالىلاردىكى بۇ پەرقلەر نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، سېزىم بىرلىكىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.
نۆۋەتتە «ئايىغى بالدۇر چىقىش» بىلەن «سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇش» ئوتتۇرىسىدا سەۋەب ـ نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمىي تەتقىقات يوق:
يېتىلىشتىكى يەككە تەن پەرقى: ئوخشاش بولمىغان بالىلارنىڭ يېتىلىش مۇساپىسىدە ئوخشاش بولمىغان ئىلگىرىلەش سۈرئىتى بولىدۇ. بۇ خىل ئىلگىرىلەش سۈرئىتىدىكى پەرق ئادەتتە نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، سېزىم بىرلىكى مەسىلىسىدىن بىشارەت بېرىشى ناتايىن.
سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىسپاتى يوق: ئايىغى بالدۇر چىققان بالىلاردا ئاسانلا سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىغانلىقىنى قوللايدىغان ئىسپاتلار يوق. سېزىم بىرلىكىنىڭ بۇزۇلۇشى چوڭ مېڭىنىڭ سەزگۈ ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نوقۇل ھالدا ھەرىكەت ئىقتىدارى يېتىلىشىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.
سېزىم بىرلىكىنىڭ بۇزۇلۇشىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە بۇنىڭغا ئارىلىشىش
سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇشىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ياكى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى باسقۇچتا كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:
1. تېگىشىش سېزىمى مەسىلىسى: يېنىك تېگىشىشكە ياكى بەزى ماتېرىياللارغا قارىتا زىيادە سەزگۈر بولۇش ياكى تېخىمۇ كۆپ تېگىشىش سېزىمى غىدىقلىنىشىنى ئىزدەش.
2. ئاڭلاش سېزىمى مەسىلىسى: كۈندىلىك ئاۋازلارغا زىيادە سەزگۈر بولۇش، ئاسانلا شاۋقۇندىن قورقۇپ كېتىش ياكى دىققىتى چېچىلىپ كېتىش.
3. كۆرۈش سېزىمى مەسىلىسى: كۈچلۈك نۇر ياكى چاقنىغان نۇرغا سەزگۈر، كۆرۈش سېزىمىنى سۈزۈش قىيىن.
4. تەم سەزگۈسى ۋە پۇراش سەزگۈسى مەسىلىسى: بەلگىلەنگەن يېمەكلىكنىڭ تەمى ياكى پۇرىقىغا سەزگۈر بولۇش، تاماق تاللاش.
5. دالانچە سېزىمى ۋە بەدەن سېزىمى مەسىلىسى: تەڭپۇڭلۇق سېزىمى ناچار بولۇش، ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش، سۈرئەت، ئېگىزلىك ياكى ئايلىنىشقا نىسبەتەن بىئاراملىق ھېس قىلىش.
6. ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسى: كېلەڭسىز، ماسلاشمىغان، ئىنچىكە ۋە چوڭراق ھەرىكەتنى كونترول قىلىش قىيىن بولۇش.
7. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كەيپىيات مەسىلىسى: ئىجتىمائىي ئالاقىنى چۈشىنىش قىيىن، كەيپىياتنىڭ داۋالغۇشى چوڭ بولۇش، ئاسان تەشۋىشلىنىش ياكى ئاچچىقلىنىش.
8. بىلىش مەسىلىسى: دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش، يېڭى ماھارەتنى ئۆگىنىش ياكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچار بولۇش.
9. ئۇخلاش مەسىلىسى: ئۇخلىيالماسلىق، ئۇخلاش ھالىتىنى ساقلاش، ئۇخلاش سۈپىتى ناچار بولۇش.
بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇيغۇنلىشىشچانلىق ۋە ئىقتىدار ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى بالىلارغا نىسبەتەن، تۇرمۇشتىكى مەشىق، مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئەگىشىپ، بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۆزلۈكىدىن پەسىيىدۇ.
بەزى بالىلار، مەسىلەن، نەسەب خاراكتېرلىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش تەنھالىق كېسىلى (ASD)، دىققەت كەمتۈكلۈكى/توسقۇنلۇققا ئۇچراش كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېسىلى (ADHD)، يېتىلىش خاراكتېرلىك ماسلىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش (DCD)، مېڭە پارالىچ كېسىلى قاتارلىق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇش ئادەتتە ئۆزلۈكىدىن ياخشىلانمايدۇ، بەزى كىشىلەر يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئەگەر بالىلاردا سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇش بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىنسا، كەسپىي خادىملارنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىش كېرەك، مەسىلەن بالىلار بۆلۈمى دوختۇرى، كەسپىي بالىلار ھەرىكىتىنى داۋالاش دوختۇرى ياكى بالىلارنىڭ يېتىلىشى ۋە ھەرىكىتى دوختۇرى، ئۇلار تەپسىلىي باھالاش ۋە سىناق قىلىش ئارقىلىق مەسىلە بار-يوقلۇقىنى بېكىتسە ھەمدە مۇۋاپىق ئارىلىشىش پىلانى تۈزسە بولىدۇ.
كىچىك ۋاقتىدا بالدۇر مېڭىش بىلەن چوڭ بولغاندىن كېيىنكى سېزىم بىرلىكىنىڭ بۇزۇلۇشى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق. سېزىم بىرلىكى بۇزۇلۇشنىڭ يۈزبېرىشى مۇرەككەپ ئىرسىيەت، نېرۋىنىڭ يېتىلىشى ۋە مۇھىت ئامىلى بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. دەسلەپكى سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ غىدىقلىنىشى ۋە مول تۇرمۇش كەچۈرمىشى بالىلارنىڭ سېزىمىنىڭ بىرلىككە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
رەددىيە ئەينىكى
بۇ خىل مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاتا - ئانىلار زىيادە تەشۋىشلىنىشتىن ساقلىنىشى ھەمدە ئىلمىي ئاساسى يوق قاراشلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك. توغرا ئۇسۇل بالىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش، مول مۇھىت غىدىقلىشى بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا زۆرۈر تېپىلغاندا كەسپىي ياردەم تەلەپ قىلىش.