تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كېۋەز تېرىش خاتىرىسى − 10 مىڭ مو كېۋەزلىك مۇنداق پەرۋىش قىلىندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

ئالتۇن كۈزدىكى 10 ـ ئايدا، ساۋەن شەھىرىنىڭ داچۈەن يېزىسى ساۋفاڭجاڭزا كەنتىدىكى 10 مىڭ مو كېۋەزلىك خۇددى ئاق رەڭلىك دېڭىزغا ئوخشاش كۈز شامىلىدا يەلپۈنۈپ قاتمۇقات دولقۇنلارنى ھاسىل قىلغانىدى. چوڭ تىپتىكى پاختا تېرىش ماشىنىسى گۈرۈلدىگىنىچە كېۋەزلىككە كىرىپ، بارغانلا يېرىدە پاختىلارنى يىغىۋېلىپ تايلىدى.

بۇ بىپايان كېۋەزلىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بۇ 10 مىڭ مو كېۋەزلىكنىڭ قانداق قىلىپ مۇشۇنداق تەرتىپلىك پەرۋىش قىلىنغانلىقىغا قىزىقىۋاتامسىز؟

بۇنىڭ جاۋابىنى خې خۇڭتاۋ ئىسىملىك بىر ئاددىي كەنت ئاھالىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇ 1972 ـ يىلى تۇغۇلغان، تارىم داشۆنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىلمى كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاۋۋال سۇچىلىق تارمىقىدا ئىشلىگەن، كېيىن يەنە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرغان.

2012 ـ يىلى، ساۋفاڭجاڭزا كەنتى يەر ئوبوروتى پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى، خې خۇڭتاۋ كەنتكە قايتىشنى تاللىدى. ئۆزىگە تونۇش بولغان يەرلەرگە قاراپ، ئۇنىڭ قەلبىدە دادىل بىر ئوي، يەنى يەرلەرنى تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىدىغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى. 2013 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، ساۋەن شەھىرى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى رەسمىي قۇرۇلدى.

دەسلەپتە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئاران 67 ئائىلىلىك كوپىراتىپ ئەزاسى، 2800 مودىن ئارتۇق يەر بار ئىدى. خې خۇڭتاۋنىڭ قەلبى مۇشۇ تۇپراقتا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش غەيرىتىگە تولغانىدى. ئۇ يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى، يەنە ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى، يەنە تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

ئەينى چاغدا كېۋەز تېرىشتا ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسى قوللىنىلغاچقا، ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. خې خۇڭتاۋ ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى. ئۇ بىر پارچە كېۋەزلىكتە كوپىراتىپ ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، كۆپچىلىككە ماشىنا بىلەن پاختا يىغىشنىڭ كارامىتىنى بىۋاسىتە كۆرسەتتى.

چوڭ ھەم ھەيۋەتلىك پاختا يىغىش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە ئۇياقتىن ـ بۇياققا مېڭىپ، پاختىنى ناھايىتى تېزلا پاك ـ پاكىز يىغدى. بەزىلەر: «بۇ ماشىنا ئادەم كۈچىدىن ياخشىمىدۇ؟» دەپ سورىدى. خې خۇڭتاۋ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق چۈشەندۈردى: «ماشىنا بىلەن پاختا يىغقاندا سۈرئەت تېز بولۇپلا قالماي يەنە خوراشنى ئازايتىپ، پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.» پاختا يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن ھېسابات قىلىۋېدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر مو يەرگە 800 يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملىدى، پايدا ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى، شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى.

ئارقىدىن خې خۇڭتاۋ قۇرۇق تېرىپ ئاز ـ ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، تۈجۈپىلىك ئۇرۇق سېلىش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزدى. كەنت ئاھالىلىرى يەنە غۇلغۇلا قىلىشتى: «بىر تۆشۈككە بىر ئۇرۇق سالسا بولارمۇ؟ ھوسۇل كېمىيىپ كەتمەس ھە؟» كېۋەز مايسىلىرى ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مايسىلارنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسى ئاستا ـ ئاستا يوقالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىپ، 3000 ئائىلىلىككە يېقىن كوپىراتىپ ئەزاسى، 48 مىڭ مودىن ئارتۇق يېرى بار بولۇپ، نۇرغۇن يېزا ـ بازار ۋە ليەندۈيلەرگە چېتىلدى.

بۇنداق چوڭ كېۋەزلىكنى زادى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟

يۇقىرى ئۈنۈملۈك پەرۋىش قىلىش ئۈچۈن، خې خۇڭتاۋ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى نەرسە تورى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش سىستېمىسى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى بۇلۇت سۇپىسى، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنى كىرگۈزدى، كوپىراتىپ ئەزالىرى يان تېلېفوننى ئېلىپلا كېۋەزلىكنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلىيەلەيدىغان بولدى.

كېۋەزلىككە كىرگەندە، ھەممىلا جاينى پەن ـ تېخنىكا تۈسى قاپلىغانىدى. ھەربىر كېۋەزلىككە سېنزور ئورنىتىلغان بولۇپ، تۇپراقنىڭ نەملىكى، تېمپېراتۇرىسى، كۈن نۇرى چۈشۈش ئەھۋالى قاتارلىق پارامېتىرلارنى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ، ئۆلچەپ تۇرىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئەمەلىي ۋاقىتتا ئاقىل يېزا ئىگىلىكى بۇلۇت سۇپىسىغا يوللىنىپ تەھلىل قىلىنىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، نورمالسىز ئەھۋال بايقالسىلا، سىستېما ئاپتوماتىك سىگنال بېرىدۇ ھەمدە مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ.

«بۇ، ئۆتكۈر كۆز ۋە سەزگۈر قۇلاققا ئوخشايدۇ، كېۋەزلىكنىڭ ئەھۋالى بىزنىڭ كونتروللۇقىمىزدا» دېدى خې خۇڭتاۋ پەخىرلەنگەن ھالدا.

بۇنىڭدىن باشقا، خې خۇڭتاۋ يەنە بىرتۇتاش تېرىش، بىرتۇتاش تېخنىكا قوللىنىش، بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، بىرتۇتاش ئوراپ قاچىلاش، بىرتۇتاش داڭلىق ماركا يارىتىش، بىرتۇتاش سېتىشتىن ئىبارەت «ئالتە بىرتۇتاش» باشقۇرۇش مېخانىزمى تۈزۈپ، ھەر بىر ھالقىنى بىر ـ بىرىگە زىچ باغلىدى. كوپىراتىپ ئەزالىرى پەقەت كوپىراتىپنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تېرىسا ۋە پەرۋىش قىلسىلا، مۇقىم پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.

خې خۇڭتاۋ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى بۇ كېۋەزلىكنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندى. ئۇلار كېۋەزلىكنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. قاراڭغۇ چۈشسىمۇ، ئۇلار يەنە ئىشخانىدا سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، پىلان تۈزۈش، پەرۋىشنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

دەسلەپكى جاپالىق ئىش باشلاشتىن بۈگۈنكى كۈندىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىگىچە، خې خۇڭتاۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى نۇرغۇن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە خىرىسنى باشتىن كەچۈردى. دەل مۇشۇ كەچۈرمىشلەر ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، شۇنداقلا بۇ كېۋەزلىكنى ساۋەن شەھىرىدىكى 1 مىليون 600 مىڭ مودىن ئارتۇق كېۋەزلىك ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.