شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كايىس سەيىدقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ تۇنىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۇنىسنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشىمىزدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق مول نەتىجىلىك بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. 2024 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، سىز جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، مەن سىز بىلەن بىللە جۇڭگو ـ تۇنىس ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. مەن جۇڭگو ـ تۇنىس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ـ تۇنىس دوستلۇقىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ تۇنىس ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.