تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرگەن، ئالماشتۇرغاندىن كېيىن قايتىدىن قوزغىتىش كېرەكمۇ؟ ھۆكۈمەت تەرەپ جاۋاب قايتۇردى!

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋىرى) «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرگەن، ئالماشتۇرغاندىن كېيىن قايتا قوزغىتىش كېرەكمۇ؟» يېقىندا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان بەزى كىشىلەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرگەن، ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يۇقىرىقىدەك گۇمانىي سوئالنى سورىدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ خىزمەتچىسى بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرگەن، ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، ئاندىن ماس ئىقتىدارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 

    ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئاساسلىقى داۋالىنىش راسچوتى، سالاھىيەت ئىسپاتى، ئۇچۇر خاتىرىسى، ئاپتوماتىك سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىغا ئاساسەن كېسەل كۆرسىتىش، دورا سېتىۋېلىش، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش، ھەق تاپشۇرۇشنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش، تەمىنات سالاھىيىتىنى دەلىللەش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

    ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ۋاقتى توشۇش، يىتىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبلىك كارتا تولۇقلاش (ئالماشتۇرۇش) ئېھتىياجى بار بولغان كارتا ئىگىسى ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلىپ، ئەسلىدىكى كارتا يۈزىدە كۆرسىتىلگەن ھەمكارلىق ئورناتقان بانكا تور نۇقتىسىغا بېرىپ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ يىتكەنلىكىنى رەسمىي مەلۇم قىلىش كەسپىنى بېجىرگەندىن كېيىن، توققۇز بانكىنىڭ 369 ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىسىغا بېرىپ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. (كونكرېت تور نۇقتىلىرى ئۇچۇرىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى» ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ).

    3-ئەۋلاد ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ماس قەدەمدە شەكىللىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى جىفۇباۋ كىچىك پىروگراممىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بانكا APPسىگە راست نام بىلەن كىرىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، شۇ كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارى ئاساسلىقى ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىنات ئېلىش، پۇل مۇئامىلە چىقىمى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ بانكا ھېساباتىنى ئىشلىتىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، كادىرلار ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ھەققىنى تاپشۇرۇش، كۈتۈنۈش پۇلى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى، ئىشتا يارىلىنىش قوشۇمچە پۇلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىش ھەققى ئېلىش قاتارلىقلار.

    پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىنى قوزغىتىشتا، شۇ كىشى كۈچكە ئىگە كىملىكى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېلىپ، كارتا يۈزىدە كۆرسىتىلگەن مۇلازىمەت بانكىسى كۆزنىكىگە بېرىپ بېجىرىشى كېرەك. 

    نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكىسى كۆزنىكىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىنى قوزغىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ياشانغانلار، ئېغىر كېسەللەر، يارىلانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ھەرىكىتى قولايسىز ئالاھىدە كىشىلەرگە ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.