ئۈرۈمچى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاپ، دۆلەتنىڭ «ئاپتوموبىل بىراك قىلىش، يېڭىلاش» ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئاساسىدا، «ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش» ياردەم پۇلى سىياسىتىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
بۇ يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، شەخسىي ئىستېمالچىلار ئۆز نامىدىكى يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلى ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۈرۈمچى تەۋەلىكىدە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلى ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، يېڭى ئاپتوموبىلنى تىجارەت ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ دەپ تىزىمغا ئالدۇرسا، بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولسا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونىدىكى سومما 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا (50 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 18 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلى بولسا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونىدىكى سومما 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا (50 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 13 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىغا قاتنىشىدىغان ئىستېمالچىلار «يۈنشەنفۇ APP « (云闪付APP)سى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، بىراك قىلىش ياردەم پۇلىغا قاتنىشىدىغان ئىستېمالچىلار يەنىلا «مەملىكەتلىك ئاپتوموبىل ئوبوروت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» تور بېكىتى ياكى ۋىيشىن، جىفۇباۋ، دوۋيىن، يۈنشەنفۇ «كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» كىچىك پىروگىراممىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ «1-ئۆكتەبىر» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 13 مىڭ 115كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى 5721 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %316 ئاشقان؛ ئومۇمىي سېتىلىش سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.5 ئاشقان.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، شەھەر بويىچە 1789 ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىل سېتىش سوممىسىنىڭ (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 150 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇنغان؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ياردەم پۇلى پائالىيىتىدە 23 مىڭ 329 ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ 61 مىليون 371 مىڭ يۈەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇنغان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى