ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ) 7-نۆۋەتلىك ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە قەشقەر خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
10-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتى 7-نۆۋەتلىك ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئىلھام روزى فوتوسى
10-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتى 7-نۆۋەتلىك ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە جەمئىي 400دىن ئارتۇق خەلقئارا ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنىدىكەن، كۆرگەزمە كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلار ھەمدە قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، خەلقئارالىشىش ئالاھىدىلىكى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن. كۆرگەزمە مەزمۇنى ئاساسلىقى قويۇق مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، سەنئەت بۇيۇملىرى، يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملار، مۇلازىمەت سودىسى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، ئاپتوموبىل بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كۆرگەزمە مەزگىلىدە يەنە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى، مەخسۇس مەيدان كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى، مودا كىيىم كۆرگەزمىسى، مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى قاتارلىق نەچچە ئون مەيدان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق، يارقىن نۇقتىلىرى كۆپ بولغان كۆرگەزمە سۇنۇلىدىكەن.
10-ئاينىڭ 10-كۈنى، 7-نۆۋەتلىك ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلار كۆرگەزمە ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا.
ئىلھام روزى فوتوسى
7-نۆۋەتلىك ئالتۇن كۆۋرۈك (قەشقەر) خەلقئارا كۆرگەزمىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ، جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىلئارام قۇربان مۇنداق بىلدۈردى: «قەشقەردە كۆرگەزمە ئۆتكۈزگەندە، قەشقەرنىڭ <بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش>تەك ئۆزگىچە جەلىپكارلىقى ئارقىلىق، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ئىقتىساد-سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن قەشقەر كۈچىنى قوشقىلى بولىدۇ».
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا كۆرگەزمىسى ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلار ھەم مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى تېزلىتىش، خەلقئارا بازارنى ئېچىش ئۈچۈن شىنجاڭدا تەسىس قىلغان خەلقئارالىق، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك كۆرگەزمە ئىكەن. 2014-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، بۇ كۆرگەزمە ئالتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن، كۆرگەزمىنىڭ كۆرگەزمە ئومۇمىي كۆلىمى جەمئىي 100 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشقان، خەلقئارا ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى جەمئىي 5000دىن كۆپرەككە يەتكەن، چېگرا ئىچى-سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار جەمئىي 3300دىن كۆپرەككە يەتكەن، كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، مۇددىئالىق پۈتۈشۈش سوممىسى 7 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، تەسىر كۈچىگە ئىگە ۋە ئۈلگە خاراكتېرىگە ئىگە بىر تۈركۈم ھەمكارلىق نەتىجىلىرى شەكىللەندۈرۈلگەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى