تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يولداش ۋۇ باڭگو ۋاپات بولدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قايغۇلۇق خەۋىرى

يولداش ۋۇ باڭگو ۋاپات بولدى

يولداش ۋۇ باڭگونىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، شانلىق ھايات، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، كوممۇنىزم غايىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى قايغۇلۇق ھالدا شۇنى جاكارلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 16 - نۆۋەتلىك، 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 10 - نۆۋەتلىك، 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى يولداش ۋۇ باڭگو كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 4تىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 84 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش ۋۇ باڭگو 1941 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي فېيدۇڭدىن. ئۇ ياش - ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلگەن. 1960 - يىلىدىن 1967 - يىلىغىچە چىڭخۇا داشۆ سىمسىز تېلېگراف ئېلېكتىرون ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ ئېلېكتىر ۋاكۇئۇملۇق زاپچاسلار كەسپىدە ئوقۇغان. 1964 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1967 - يىلىدىن باشلاپ شاڭخەي ئېلېكتىرون لامپا 3 - زاۋۇتىدا تېخنىك، تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، زاۋۇت باشلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق دېتال سانائىتى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، شاڭخەي شەھەرلىك ئېلېكتىر ۋاكۇئۇملۇق زاپچاسلار شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، شاڭخەي شەھەرلىك ئاپپارات - تېلېگراف سانائىتى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، ئۇ پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق توسقان.

1983 - يىلى 3 - ئايدىن 1991 - يىلى 3 - ئايغىچە، يولداش ۋۇ باڭگو شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پەن - تېخنىكا خىزمىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

1991 - يىلى 3 - ئايدىن 1994 - يىلى 9 - ئايغىچە، يولداش ۋۇ باڭگو شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1992 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇ يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، شاڭخەينىڭ ئىچكى - تاشقى ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغان.

1994 - يىلى 9 - ئايدا، يولداش ۋۇ باڭگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا تولۇقلانغان. 1995 - يىلى 3 - ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان. بۇ مەزگىلدە، قوشۇمچە گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز چوڭ تىپتىكى كارخانىلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز كارخانىلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلارنى ئىسلاھ قىلىش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچ يىللىق نىشانىنى قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تەڭشەپ ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قالتىس نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سەنشيا قۇرۇلۇشى ۋە تۆمۈريول، تاشيول، پورت، پوچتا تېلېگراف - خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتكەن.

2002 - يىلى 11 - ئايدا، يولداش ۋۇ باڭگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2003 - يىلى 3 - ئايدا، 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان، شۇ ئايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2007 - يىلى 10 - ئايدا، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2008 - يىلى 3 - ئايدا، 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان، شۇ ئايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

يولداش ۋۇ باڭگو جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم رەھبىرى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئالاقىدار قانۇنلارنى تۈزۈپ ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن ئېنىقلاش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرغان. ئۇ مەركىزىي كومىتېت ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى تەشكىللەپ تۈزگەن ھەم 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا ماقۇللانغان. ئۇ دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى، نەرسە ھوقۇقى قانۇنى قاتارلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قاتار قانۇنلارنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى ھەرىكەت ھالىتىدە، ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان بولۇپ، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ: خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇشى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىنكى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش»تىن ئىبارەت نازارەتچىلىك خىزمىتى پىكىر يولىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى دۆلەت دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە بويسۇندۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىدىكى ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ھەم كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىدە يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغان. ئۇ: خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىلىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

2013 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ، يولداش ۋۇ باڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغان.

يولداش ۋۇ باڭگونىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، شانلىق ھايات، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، كوممۇنىزم غايىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

يولداش ۋۇ باڭگو مەڭگۈ ھايات!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.