تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

بۇ خىل كۆكتاتلار قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق ! بۇ پەسىلدە يېيىشكە تازا ماس كېلىدۇ...

   پىلەك غوللۇقلار تىلغا ئېلىنسا، ھەممەيلەن تاۋۇز، خاڭگا، كاۋا قاتارلىقلارنى ئەسكە ئالىدۇ، بىراق فوشوۋگۇانى ئەسكە ئالىدىغانلار كۆپ ئەمەس. فوشوۋگۇانى بەزى كىشىلەر كۆرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن بىز فوشوۋگۇا بىلەن تونۇشۇپ باقايلى. 

               1 

 فوشوۋگۇانىڭ قانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بار؟ 

     فوشوۋگۇا يەنە ئەننەنگۇا، شوۋگۇا، چۈەنتوۋگۇا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى مېۋىسى بەش قىرلىق يۆگىمە ھالەتتە بولۇپ، قارىماققا «مۇشت»قا ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان. 

    فوشوۋگۇا يېشىل پوستلۇق فوشوۋگۇا ۋە ئاق پوستلۇق فوشوۋگۇا دەپ ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يېشىل پوستلۇق فوشوۋگۇانىڭ تېرىلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ، شۇنداقلا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ ھەم بىۋاسىتە خام يېگىلى بولىدۇ، كۆكتات ئورنىدا پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ. فوشوۋگۇانىڭ ئۇرۇقى يوق بولۇپ، ھەممىلا يېرىنى يېيىشكە بولىدۇ، سۇ تەركىبى %94.3كە يېتىدۇ، ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە يەپ بەرسە ھەم سۇ تولۇقلىغىلى ھەم ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

   فوشوۋگۇانىڭ سۇ تەركىبى يېتەرلىك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدىكى يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن B2، سېلېن، يوپۇرماق كىسلاتاسى تەركىبلىرىمۇ بىر قەدەر مول.

     1. يېمەكلىك تالاسى

   «پىلەك غوللۇقلار» جەمەتىدىكى مېۋە-چېۋىلەر ئىچىدە، فوشوۋگۇانىڭ يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارىنى يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ، بۇ، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچەي يولىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ناھايىتى پايدىلىق. ھەر 100 گىرام فوشوۋگۇادا 1.2 گىرام ئېرىمەيدىغان يېمەكلىك تالاسى بولىدۇ، بۇ، تاۋۇز ۋە قوغۇننىڭ ئالتە ھەسسىسىگە، مۇگۇا ۋە بەيلەنگۇانىڭ 1.5 ھەسسىسىگە، خاڭگانىڭ 2.4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

    2. ۋىتامىن B2 

   فوشوۋگۇا تەركىبىدە بار بولغان B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار ئىچىدە، ۋىتامىن B1نىڭ مىقدارى ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ھەر 100 گىرام فوشوۋگۇا تەركىبىدە 0.01 مىللىگىراملا  ۋىتامىن B1 بار بولۇپ، تاۋۇز بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ(ھەر 100 گىرام تاۋۇز تەركىبىدە 0.02 مىللىگىرام  ۋىتامىن B1 بولىدۇ). لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن B2نىڭ مىقدارى كۆپ، ھەر 100 گىرام فوشوۋگۇا تەركىبىدە 0.1 مىللىگرام ۋىتامىن B2 بار بولۇپ، تاۋۇزنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە، ئالمىنىڭ 5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، كۆكتاتلار ئارىسىدىكى كۇگۇا(ھەر 100 گىرام كۇگۇا تەركىبىدە 0.03 مىللىگرام)غا سېلىشتۇرغاندا، فوشوۋگۇا تەركىبىدىكى ۋىتامىن B2نىڭ مىقدارى يەنىلا خېلى كۆپ. 

    3. مىنېرال ماددا  سېلىن 

   سېلېن ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق مىكرو ئېلېمېنت بولۇپ، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى، ماددا ئالماشتۇرۇش، قان ئايلىنىشنى تەڭشەشكە قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ. خەلق ئارىسىدا فوشوۋگۇا «كۆكتاتلار ئىچىدىكى سېلىن ئامبىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ھەر 100 گىرام فوشوۋگۇا تەركىبىدىكى سېلىن مىقدارى 1.45 مىكروگىرامغا يېتىدۇ، بۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى. مەسىلەن: ھەر 100گىرام تاۋۇز، قوغۇن، ئالما، شاپتۇل، خاڭگا، كاۋا تەركىبىدىكى سېلىن مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.36 مىكروگىرام، 1.1 مىكروگىرام، 0.1 مىكروگىرام، 0.47 مىكروگىرام، 0.38 مىكروگىرام، 0.46 مىكروگىرامغا يېتىدۇ. 

     4. فولىك كىسلاتاسى 

   سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى فوشوۋگۇا تەركىبىدىكى فولىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ھەر 100گىرامدا 93 مىكروگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ، ئالمىنىڭ 15 ھەسسىچىلىك كېلىدىكەن... 200 گىرام يېڭى فوشوۋگۇا يېگەندە، ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك فولىك كىسلاتاسىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ %47ىنى قاندۇرغىلى بولىدىكەن.

     5. فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمىلەر 

     فوشوۋگۇا تەركىبىدە مول بولغان فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمىلەر بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە، بەدەندىكى ئارتۇقچە ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاشقا پايدىلىق، يەنە قاندىكى ماي ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش ۋە باشقا سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. 

    ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى فوشوۋگۇالار ئىچىدە، يېشىل پوستلۇق فوشوۋگۇانىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ۋە ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك. 

                

 2

 فوشوۋگۇا قانداق ئىستېمال قىلىنىدۇ؟  

    فوشوۋگۇا شىرنىلىق ھەم  تاتلىق بولۇپ، ئەڭ ئاددىي ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى پاكىز يۇيۇۋېتىپ بىۋاسىتە يېيىش.

   بۇنىڭدىن باشقا، قورۇما قورۇشقىمۇ بولىدۇ. يالپاقلاپ ياكى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، گۆشلۈك ياكى گۆشسىز قورۇما قورۇشقا، سوغۇق سەي ياكى شورپا قىلىشقىمۇ بولىدۇ، يەنە خوگوغا سېلىپ يېگىلى، بەنشىر، مانتا قىيمىسى قىلىشقا بولىدۇ، يەنە تۇزلانغان سەي، چىلىغان سەي قىلغىلى بولىدۇ. 

    فوشوۋگۇا ئادەتتە كۈز پەسلىدە بازارغا كىرىدۇ، ئۆسۈش مەزگىلىدە دېھقانچىلىق دورىسى چېچىپ كېسەللىك ۋە ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھاجەتسىز، ئاساسەن زىيانسىز كۆكتات تۈرىگە تەۋە، يېگەندە ئەڭ ياخشىسى يېڭى چۈشكەنلىرىنى تاللاش كېرەك، پىلەككە يېقىن يەرلىرى پارقىراق ھەم پوستىدىكى ئېرىقچىلىرى تېيىز بولغان فوشوۋگۇانىڭ سۈپىتى ۋە تەمى بىر قەدەر ياخشى، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە پوستى يېشىل، يۇمران، قاتمىغان بولسا ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدۇ. 

3

 فوشوۋگۇا قانداق ساقلىنىدۇ؟ 

   فوشوۋگۇا ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدىغان مېۋىگە تەۋە، ساقلاشقا بىر قەدەر چىداملىق، ئەمما فوشوۋگۇانىڭ پوستى نېپىز بولۇپ، ئېھتىيات قىلمىسا زىدە بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن قورقىدۇ، ساقلاش تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە ئاسانلا توڭلاپ قالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئاسانلا چىرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، فوشوۋگۇا 10~8 سېلسىيە گىرادۇسلۇق شارائىتتا ساقلانسا بىرقەدەر ياخشى تۇرىدىغان بولۇپ، مېۋىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئازىيىپ كېتىش نىسبىتىنى تېخىمۇ ياخشى تىزگىنلەشكە بولىدىكەن. يېڭى فوشوۋگۇانى 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان مۇھىتتا بەش ئايدىن ئالتە ئايغىچە ساقلىغىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن تەمى ئۆزگەرمەيدىكەن. يەنە بەزى تەتقىقاتلاردا دېيىلىشىچە، فوشوۋگۇانى ئەڭ مۇۋاپىق ساقلاش تېمپېراتۇرىسى 2 سېلسىيە گىرادۇستىن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، 10 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا ئاسانلا بىخلىنىپ كېتىدىكەن ياكى كۆكىرىپ قالىدىكەن؛ نۆلدىن تۆۋەن ℃2.5تىن تۆۋەن بولسا ئۈششۈك تېگىپ سېسىيدىكەن. 

    تەجرىبىلىك كىشىلەر كەچ كۈزدە يىغىۋالغان ساق فوشوۋگۇانى ساپال ئىدىشتا ساقلايدىكەن، تېمپېراتۇرىنى 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە ئارىلىقتا ساقلايدىكەن، ئادەتتە كېيىنكى يىلى چىڭمىڭغىچە ساقلاشقا بولىدىكەن. ئەگەر بۇ مەزگىلدە فوشوۋگۇا بىخلىنىپ كەتكەن بولسا، بىخىنى ئېلىۋېتىپ يېسە بولىۋېرىدىكەن، مېۋە ئېتى يەنىلا مەززىلىك، تەملىك بولىدىكەن.

«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.