تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ| شىنجاڭ مورى: شوۋجىڭيۈەن باغچىسىدا تىيىنلار «سەيلىگە چىقتى»

      ئاپتورلار: يەن پىڭ، زوۋ رۇڭنيەن

     ئالتۇن كۈز پەسلىدە ھاۋا سالقىنلىدى، تىيىنلار توپ-توپ بولۇشۇپ ئوزۇقلۇق ئىزدىگەچ ئوينىشىپ يۈرەتتى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شوۋجىڭيۈەن باغچىسىدا، سەھەردىكى قۇياش نۇرى دەل-دەرەخلەرنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئۆتۈپ ئوتلاققا چۈشۈپ تۇراتتى، بىرنەچچە تىيىنچاق دەرەخ شاخلىرىدا خۇشال سەكرىشىپ ئويناۋاتاتتى. بەزىلىرى ھوشيار كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە ساياھەتچىلەرگە قارىشىپ تۇرسا، يەنە بەزىلىرى دەرەخ غولىنى بويلاپ يۇقىرى-تۆۋەن چىقىپ چۈشەتتى، ئۇلار ھاۋانىڭ ئىللىق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇۋىسىدىن چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، قىشلىق ئوزۇقلۇق تەييارلاشقا كىرىشكەن ئىدى. ساياھەتچىلەر بۇ ئوماق كىچىك جانىۋارلارغا مەپتۇن بولۇپ، بەس-بەستە يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، كىچىك تىيىنچاقلارنىڭ ئوماق دەقىقىلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىشتى.

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.