9-ئاينىڭ 24-كۈنى، كېرىيە ناھىيەلىك داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باش دوختۇرخانىسى(ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى) تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىكتە كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ كېسىلىنى خالىس كۆردى. خالىس كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدا تېببىي خادىملار ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش، ساغلاملىق مەسلىھەتى بىلەن تەمىنلەش، دورا ۋە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئاممىغا يەتكۈزدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىلجان ئىسراپىل)
داۋالاش خادىملىرى ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ دورىنى قانداق ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
تېببىي خادىملار ھەرىكىتى قولايسىز ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى