تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنە شانلىق سەھىپە پۈتىمىز

​− بىڭتۇەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، مېھرىگۈل غوپۇر

10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

70 يىل، بىپايان تارىخ ئېقىنىدا پەقەت قىسقىغىنە پەيت. ئەمما بىڭتۇەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇرۇق قول ئىش باشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىبارەت كۈرەش قىلىش مەنزىرىسى، سادىقلىق ۋە ئېتىقاد مۇجەسسەملەنگەن، قان - تەر ۋە ئەقىل - پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن سەلتەنەتلىك داستان.

ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىڭتۇەن روھى ۋە توغراق روھى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشتى.

بۈگۈنكى كۈنگە نەزەر سالساق، بىڭتۇەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىڭتۇەندىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ قىزغىنلىقى تولۇپ تاشتى، مىسلىسىز غەيرەت - جاسارەتكە تولدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز.

مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۇەنگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى ۋە زىممىگە ئالغان مەسئۇلىيىتى.

بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن خۇ يۇڭجۈن 10 - شى 181 - تۇەن 6 - ليەننىڭ خىزمەتچىسى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، ئۇ «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

36 يىل ئىلگىرى، خۇ يۇڭجۈن دادىسىنىڭ قولىدىن قامچىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ھازىرغىچە چارۋا بېقىپ چېگرانى چارلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنى قوغداپ كەلدى. «چېگرانى ياخشى قوغداش مېنىڭ دادامغا بەرگەن ۋەدەم، شۇنداقلا ۋەتەنگە بەرگەن ۋەدەم.» خۇ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. بىڭتۇەن قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدىكى كەڭ تۇپراقتا ئىزچىل قويۇق بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى ئۇرغۇپ كەلدى.

«بىڭتۇەن جۇڭخۇادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ كەلگەن ماكان. ئۇزاقتىن بۇيان، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق ياراتتى، دوستلۇق مېھرى قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولدى.» كۆكدالا شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى نۇرگۈل جۈماقان مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى، مۇھاپىزەت قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەركەزداش چەمبىرىكىنى بارغانسېرى كېڭەيتىمىز».

دۆلەت كارخانىلىرى بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشتىكى مۇھىم كۈچ.

«يېڭى مۇساپىدە، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا مىقدارنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، يېڭى پەللىگە ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، بىز زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» بىڭتۇەن مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما فېي مۇنداق بىلدۈردى: بىڭتۇەننىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدىن كۈچ ئېلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، دىققەتنى دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋاملىق تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

ئالتۇن كۈزدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۇرغۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى.

شۇاڭخې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى جيەنفېڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر. بىڭتۇەندە بارلىققا كەلگەن قالتىس كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش ۋە تارىخىي ھالقىش ئۇنى پەخىرلەندۈردى، ئىپتىخارلاندۇردى ھەم بۇرچىنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز» دېدى لى جيەنفېڭ.

مۇۋەپپەقىيەتلىك، شانلىق ئۆتمۈشنى بېسىپ ئۆتتۇق، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ھازىردا تۇرۇۋاتىمىز، پارلاق، ئۇلۇغۋار كەلگۈسىگە يۈزلەندۇق. شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان سەپەر بىڭتۇەننى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنە بىر قېتىم يولغا چىقىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.