− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئارقىلىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىنغان بىر يىلدا
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، ۋاڭ زىمىڭ، ۋاڭ سىبېي
بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش ئۈچۈن، نەزەرىيەۋى تەپەككۇردىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلماسلىقى، توغرا ئىدىيە يېتەكچىلىكىدىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلماسلىقى كېرەك.
2023 - يىلى 10 - ئايدا، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىدە ئىجادىي نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى، پارتىيەمىزنىڭ تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
بايراق كۆتۈرۈلۈپ، يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، توغرىلىرى ساقلاپ قېلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.
بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى داۋامىدا يۇغۇرۇلۇپ ئەۋج ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى
كۈز كۈنلىرىدىكى بېيجىڭدا كۆك ئاسمان سۈپسۈزۈك بولۇپ، كەڭ كەتكەن چاڭئەن كوچىسىغا قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى. غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئۇزارتىلغان لىنىيەسىدىكى جىڭشى مېھمانخانىسى جىمجىت ھەم ھەيۋەتلىك ئىدى.
بىر يىل ئىلگىرى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى زىممىگە ئالغان مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى:
«پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك».
تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنىدا مەدەنىيەتنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ئورنىنى كۆزىتىپ، دەۋر دولقۇنىدا مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ۋەزىيىتىدە مەدەنىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى يارىتىشتىكى مۇھىم تەسىرىنى تونۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى جەريانىدا مەدەنىيەتنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتىكى مۇھىم قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىغا كېلىپ، جىڭدېجېنغا بېرىپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق تەكشۈرۈش مەزمۇنى قىلدى.
باش شۇجى ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار مەدەنىيىتىدىن باشلاپ سۆزلەپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تىلغا ئالدى. «ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بىز داۋاملىق قولىمىزدا تۇتۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.» دەۋرىمىزگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى باش شۇجى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكتى، چوڭقۇر ئۈمىد باغلىدى.
بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا قالدۇردى، سىستېمىلىق پىلانلاش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش داۋامىدا، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، يېپيېڭى سەھىپە ئاچتى.
مەدەنىيەت ئارقىلىق دۆلەت گۈللەندۈرۈلۈپ، مەدەنىيەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى −
شىنىڭ خۇڭجۆ بۇتخانىسى، 1000 يىللىق قەدىمىي بۇتخانا تاڭبو قەدىمىي يولىنىڭ سەلتەنىتىگە، گۈللىنىشىگە گۇۋاھ بولۇپ، يىپەك يولىدىكى ھارۋىلارنىڭ غىچىرلاپ ئۆتۈشىگە قۇلاق سالغان، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئىتتىپاقلىق ئىزلىرى نەقىشلەنگەن.
2024 - يىلى 6 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى ياخشى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك».
تارىختىن كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشقىچە، كۆپ خىللىقتىن بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشقىچە، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش باشتىن - ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى بولۇپ كەلدى.
مەدەنىيەت ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئۇنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈردى:
پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، «جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش، مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەسلىك» قاتارلىق بەش جەھەتتىكى ئەمەلىيەت تەلىپىنى چۈشەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن مەدەنىيەت ئوزۇقى قوشتى؛
دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇش»نى تەكىتلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى؛
پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، «يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق پاكلىق يېتىلدۈرۈش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەتنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم بايلىق قىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مەدەنىيەت يېڭى يولى ئاچتى، مەدەنىيەت يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.
روھ تاۋلىنىپ ئادەم تەربىيەلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئاساس پۇختىلىنىپ قۇۋۋەت توپلاندى، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەندى −
2024 - يىل 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالى. «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» ناملىق ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن مېلودىيەگە ئەگىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئۆزى ئوردېن، مېدال بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى.
ھەربىر ئوردېن، مېدالغا ئۆچمەس تۆھپىلەر خاتىرىلەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە ئىلھام بەرمەكتە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملىمەكتە.
مىللەتنىڭ گۈللىنىشى مەنىۋى يېتەكچىلىككە ئېھتىياجلىق، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى قىممەت يېتەكچىلىكىگە ئېھتىياجلىق.
شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا «پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك»دەپ كۆرسىتىشتىن جياڭسۇ يەنچېڭ يېڭى 4 - ئارمىيە خاتىرە سارىيىدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «قىيىنچىلىقتىن قورقماي، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش»قا تەربىيەلەش، يېتەكلەشكىچە، يەنە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلەشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ باش كەيگۇەن مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلدى.
يۈكسەك ئېتىقاد، قەتئىي ئېتىقاد ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولمايدۇ. «پولاتتەك تەن»نى تاۋلاپ چىقىشتا جەزمەن ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، مەنىۋى ماكانىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك.
پارتىيە ئەزالىرىنى «پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش»قا چاقىرىش، ياش كادىرلارغا «ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش»نى تاپىلاش، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى «پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىش بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش»نى تەلەپ قىلىش... باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى نەزەرىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەۋى «روھ»نى مۇستەھكەملەپ، بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىق ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا يېتەكلىدى.
مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، يىلتىز ساقلاپ قېلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت گۆھىرى ياخشى قوغدالدى −
بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى، «مەدەنىيەت ئومۇرتقىسى» ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. 13 - ئەسىردە قۇرۇلغان، بېيجىڭ كونا شەھىرىنىڭ جەنۇب - شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن شەھەر ئوق لىنىيەسى، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى پايتەخت پىلانلاش نەزەرىيەسى ۋە «ئوتتۇرا يول تۇتۇش» «ئىناقلىق» پەلسەپەۋى ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ قالدى.
2024 - يىلى 7 - ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 46 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، «بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى − جۇڭگو ئارزۇدىكىدەك پايتەخت تەرتىپى نادىر ئەسىرى» «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.
«بۇ قېتىمقى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىق قوغدىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىراسلارنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك.» دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش تارىخقا مەسئۇل بولغانلىق، خەلققە مەسئۇل بولغانلىق.
2024 - يىلى 9 - ئاي، شەنشى باۋجى مىس قوراللار دەۋرى بۇيۇملىرى مۇزېيى. بازارلىق مۇزېينىڭ گۆھىرى بولغان خې زۇننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزاققىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمۈپ مۇنداق دېدى: «5000 يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلۇغ ئەقىل - پاراسەتنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنى ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان، قىزغىن سۆيىدىغان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك».
ئەسلىنى ئۇنتۇمىغاندىلا كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى ياراتقىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، گۈللىنىش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇردى.
مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى
«سەلتەنەتلىك جۇڭخۇانىڭ تارىخى شۇ قەدەر ئۇزاق، مەدەنىيلىكى شۇ قەدەر مول، بۇ بىزنىڭ ئىشەنچ ئاساسىمىز، كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەيىمىز».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى ئىخچام، مەنىسى چوڭقۇر. دەل مەدەنىيەتنىڭ كۈچى بىزگە توغرا يولدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى بېغىشلىدى.
بىر يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى «باھار سۈيى» جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا مول مەزمۇنلۇق كاتتا كەيپىيات ئۇرغۇدى.
مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارقىلىق دۆلەت روھى يارىتىلدى −
2024 - يىل 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىغا كىرىپ، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن 33 - نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.
«سىلەر پۈتۈن دۇنيانى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر جۇغلانمىسىنى كۆرۈش، جۇڭگونىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر قىياپىتىنى كۆرۈش، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى، غەيرىتى، جاسارىتىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىڭلار.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنى ئالقىشلىدى.
پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى دۆلىتىمىزنىڭ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە چېگرا سىرتىدا قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
مەدەنىيەت ئىشەنچى پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەنىۋى خىسلىتى ۋە مەدەنىيەت پەزىلىتىگە ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكار، تېخىمۇ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى ئۇرغۇتماقتا.
مەدەنىيەت ئىشەنچى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىدىن كەلگەن بولۇپ، بىزنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئەنئەنىسىنى چىن قەلبىمىزدىن قىزغىن سۆيۈشىمىزدە ئىپادىلىنىدۇ.
بېيجىڭ يەنچىڭ، ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغان بولۇپ، بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.
«سەددىچىن سېپىلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم سىمۋولى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.» 2024 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەنچىڭ رايونى بادالىڭ بازىرى شىشيا كەنتىدىكى يۇرتداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى «ئەجدادلار قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش»قا ئىلھاملاندۇردى.
يىلتىز قوغدىلىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىندى.
مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى 4 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش... مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، چوڭ قوغداش ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملاشتۇرۇلدى.
جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى، «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش»تىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، كەنت - بازارلارنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش ۋە جانلىق ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭى تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 139 مىڭ پارچە قەدىمىي ئەسەرلەر ھەم ئالاھىدە ساقلانغان ھۆججەت، سىن بايلىقىنى ئېلان قىلىش... مەدەنىيلىكنىڭ «مەخپىي شىفىرى» ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىلىپ، قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ قىياپىتى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈلدى.
«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي قىزغىنلىقى» ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش، «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى»نىڭ بازىرى سىجىل ئىتتىك بولۇش، «شېئىر قىزغىنلىقى» جۇش ئۇرۇش... جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئىجادىي ئايلاندۇرۇلدى، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئاشتى.
باشتىن - ئاخىر ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇر، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىزنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەمىز توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يۈكسەك مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ، ئىجادچانلىق بېغىشلىدى.
مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا شانلىق نەتىجە يارىتىلدى −
2024 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەت، ئىستىراھەتكە ئىچكى خاس مەزمۇن قوشۇش، جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش، شەھەر - يېزا جەمئىيىتىدە توغرا كەيپىياتنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى كۈچەيتىش كېرەك».
بىر يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر جەمئىيەت ئۈنۈمىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت تەمىناتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى:
ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كۆزلەندى، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە جەمئىي قۇرۇلغان ئاممىۋى كۇتۇپخانا 3200دىن ئاشتى، يېزا - بازار كىنوخانىلىرىدىكى ئېكران 12 مىڭدىن ئاشتى. بارلىق ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى ۋە %90تىن ئارتۇق مۇزېي ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.
سەرخىل ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كۆزلەندى، «ئوتتەك قىزغىن» «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، «يەرلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ سۇڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىش» ناملىق جىڭجۈ تىياتىرى، «سۇدى توسمىسىدىكى باھار مەنزىرىسى» ناملىق دىراما قاتارلىقلاردا يېڭى دەۋر روھى كەيپىياتى بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكى جانلىق نامايان قىلىندى.
ئىنچىكە، تەپسىلىي، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۆزلەندى، مەدەنىيەت تەمىنات مەزمۇنى ۋە تەمىنات شەكلى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇلدى. «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» «كۆپچىلىك ناخشا ئېيتىش» پائالىيىتى، مەيدان ئۇسسۇلىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، مەدەنىيەت زالى، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى، شادلىق سەھنىسى مەنىۋى «توكلاش پونكىتى»غا ئايلاندى.
ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تېمىسىدىكى مۇھىم مەزمۇن.
«ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا گۈزەل تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».
2024 - يىلى 5 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم ساياھەت تەرەققىياتىنى باش تېما قىلغان مۇھىم يىغىن − مەملىكەتلىك ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنى ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ئارزۇدىكىدەك جاي»نىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى پىلانلاپ بەردى.
گۇيجوۋغا كېلىپ بىر مەيدان ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇغان «كەنت دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى»نى كۆرۈش، دۇنخۇاڭدىكى مىڭشاشەن تېغى باغرىغا بېرىپ يۇلتۇزلۇق ئاسمان ناخشا كېچىلىكىنى ئاڭلاش، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قوغلىشىپ كۆرۈش جەريانىدا كۆرۈنۈشلەر سۈرەتكە ئېلىنغان ئالقىشلىق جايلاردا داكا قىلىش... «مەدەنىيەت - ساياھەت + تۈرلۈك كەسىپ» «تۈرلۈك كەسىپ + مەدەنىيەت - ساياھەت» چەكسىز كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى. «ئويۇن قويۇشقا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «مۇسابىقە ئىشلىرىغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «كىنو - تېلېۋىزىيەگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» قاتارلىقلار يېڭى مودا ئېقىمغا ئايلاندى، ناخشا كېچىلىكى، مۇزىكا بايرىمى قاتارلىقلار يېڭى «شەھەر نام كارتىسى»غا ئايلاندى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت، مەدەنىيەت - سودا - ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق يۇغۇرما كەسىپ ھالەتلىرى ھاياتىي كۈچكە تولدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلەت ئىچىدە ساياھەتكە چىققانلار 2 مىليارد 725 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.3 ئاشقان؛ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئومۇمىي خىراجىتى 2 تىرىليون 730 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.0 ئاشقان؛ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا 17 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق چەت ئەللىك جۇڭگوغا كەلگەن، «China Travel» دۇنيادا ئەۋج ئالغان.
مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ جەلپكارلىقى نامايان بولدى −
جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى يۇقىرى پىرېنېس ئۆلكىسى تۇرمالېت تاغ ئېغىزىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىر قېتىم تارىخ ۋە مەدەنىيلىك يۈكسەكلىكىدىن چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «ئېگىز تاغ، ئېقىن سۇلار»دەك ئېسىل داستاننى داۋاملىق پۈتتى.
«جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە گەرچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىگە تەۋە بولۇپ، قىممەت ئىدىيەسى، جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشسا بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ئىدى.
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىرگەندە، خەلقئارا جەمئىيەت كۈنسېرى جۇڭگوغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.
خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمىدا، «گۈل ئۈزۈپ دوستىغا سوۋغا قىلىش» ئايرىلىشقا قىيالماسلىقنى ئىپادىلەيدىغان جۇڭگوچە قائىدىنى نامايان قىلدى، «نېلۇپەر گۈلى بىلەن گۇيخۇا گۈلىنىڭ ئورتاق يۇغۇرۇلۇشى» ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھېسسىياتىنى يەتكۈزدى؛ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى 3A ئويۇنى «قارا ئەپسانە: ۋۇكۇڭ» تورغا چىقىرىلىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى ئوينىغۇچىلارنى جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى؛ دۇنيا جۇڭگوشۇناسلىق يىغىنى. شاڭخەي مۇنبىرىدە، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە جۇڭگو يولىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى ئۈستىدە ئورتاق مۇھاكىمە ئېلىپ باردى... جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئىناق بىللە ئۆتۈش داۋامىدا كۈنسېرى توختىماي يېڭىلىنىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى بارغانسېرى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولدۇردى، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.
«ئوخشاش بىر پىلانېتتا تۇرۇپ، ئوخشاش بىر ئاسمانغا قارايمىز. يىراق ۋە يېقىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى؛ سىز بىلەن مەن تەقدىرداش...» جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىن كەلگەن بالىلار قول تۇتۇشۇپ سەھنىگە چىقتى، تەبىئىي، سۈزۈك ناخشا ساداسى كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى.
بۇ، 2024 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتىكى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش ئىدى. جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىن كەلگەن ئورۇنلىغۇچىلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، قانغۇچە شادلىق ناخشىسى ئېيتىپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەش، كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئۈمىدنى ئىپادىلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىدە ئېيتقاندەك: «ئىشىنىمەنكى، 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو بىلەن ئافرىقا خەلقلىرى بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولسىلا، چوقۇم زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرلىكتە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ».
ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنىۋى تومۇرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش بولۇپ، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، مۇستەھكەم تارىخىي تەشەببۇسكارلىق ۋە كەڭ يەرشارىۋى نەزەر دائىرە بىلەن، «ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى» ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەدەنىيلىك يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى، تۈرلۈك - تۈمەن قىياپەت يېڭى دەۋرنىڭ كەڭ سەھنىسىدە نامايان بولدى.
مەدەنىيەت ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ۋاراقلايدىغان بولساق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە «يەتتىنى نىشانلاش»نىڭ يۆنىلىشى روشەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى «سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىشنى نىشانلاش».
مەۋقە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە قويۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچ كۆزلىنىپ، «قارار»دا مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەدەنىيەت ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.
بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرمەكتە، مەدەنىيەت بارغانسېرى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، مەدەنىيەت بارغانسېرى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچلۈك تىرەككە ئايلاندى.
يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، جەزمەن شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەنىۋى كۈچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساس مۇستەھكەملەندى −
2024 - يىلى 2 - ئايدا، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، «ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى» كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى «پۇرژىنا» چىڭىتىلدى.
ئىدېئولوگىيە بايراققا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە تەرەققىيات يولىنى بەلگىلەيدۇ. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى. ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، پارتىيەمىز جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولىدۇ، مىللىتىمىز ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرالايدىغان - تۇرالمايدىغانلىقىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرالايدىغان - تۇرالمايدىغانلىقىغا ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرالايدىغان - راۋاجلاندۇرالمايدىغانلىقىغا يەنە ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ داۋاملىق جاۋاب بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇشۇ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشكە قويۇپ تونۇش كېرەك».
يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان خىزمەت مېخانىزمى ۋە باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى قوزغىتىش كېرەك.
مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى مېخانىزمى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى −
«پىدائىي قوشۇن: قۇدرەتلىك قوشۇن ھۇجۇمغا ئۆتۈش» ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، «چاڭئەن سەنۋەنلى» مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى... 2024 - يىل 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، 37 - نۆۋەتلىك ئاممىۋى كىنو بەيخۇا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى. ئامما باھالاش، كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇكاپاتلانغان بۇ فىلىملەردە ئوخشاش بولمىغان تېمىدىكى ئېسىل ھېكايىلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ قەلب ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، جۇڭگو كىنولىرىنىڭ دەۋر بىلەن ھەمنەپەس، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇشتەك سەنئەت ئىنتىلىشى نامايان قىلىندى.
چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنغا، مول رەڭدارلىققا ئىگە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىر دەۋر مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى قاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتتىكى ئىجاد قىلىش، ئىشلەش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، تۈرلۈك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتى مىقدارى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى، مەدەنىيەت تەمىناتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت «يېتەرلىك بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قا ئۆزگەردى.
يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭ دولقۇنىدا، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشىگە پايدىلىق تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تېز بەرپا قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەدىمكى بىلەن ھازىرقىسى يۇغۇرۇلغان، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭكى مۇجەسسەملەنگەن تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، جەزمەن خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى بوشلۇقى پائال بەرپا قىلىندى −
«ئالاقە تورىدا بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇش، بازىنى ساقلاپ ئىدىيەنى كۈچەيتىش، ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇپ توردىن ياخشى پايدىلىنىش، تور كەيپىياتىنى ساپلاشتۇرۇپ ئائىلە كەيپىياتىنى ياخشىلاش...» 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، 2024 - يىللىق جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنىنىڭ ئاساسىي مۇنبىرىدە، تۆت ئائىلە كۆرۈنۈش شەكلى ئارقىلىق ئايرىم - ئايرىم ھالدا «ۋەتەننى سۆيۈش، ئائىلىنى سۆيۈش» «ئىناق ئۆتۈش، مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇر بولۇش» «ئالغا بېسىش، ياخشىلىققا ئىنتىلىش» «ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت تۆت باش تېمىدا، ئائىلە تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى ھەم پۈتكۈل جەمئىيەتكە «ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تور مەدەنىيلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تەشەببۇسنى چىقىرىپ، گۈزەل مەنىۋى ماكاننى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئادەم قەيەردە بولسا، تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىمۇ شۇ يەردە».
ھازىر دۆلىتىمىزدە تور ئەھلى كۆلىمى 1 مىليارد 100 مىليون كىشىگە يېقىنلىشىپ، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان رەقەملىك جەمئىيەت شەكىللەندى.
كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، تور بوشلۇقى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى ئىدارە قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تور بوشلۇقىنى قىممەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان، ئىنسانىي غەمخورلۇق، ھېسسىيات تەۋەلىكى بولغان مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى يېڭى بوشلۇقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەسىر كۈچى ئاشۇرۇلدى −
2024 - يىل 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدىكى دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ 3 - قەۋىتىگە ئەزىز مېھمانلار لىق تولغانىدى، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ جۇڭگو - تاجىكىستان ئوقۇرمەنلىرى يىغىنى بۇ جايدا قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى.
«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەسىرىدە نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يەرشارىۋىلىشىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن مۇھىم قىممەتكە ئىگە...» يىغىنغا قاتناشقان زاتلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: بۇ ئەسەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى ئۈچۈن «ئىدىيە دەرۋازىسى» ئاچتى.
بىر چوڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى مۇقەررەر ھالدا مەدەنىيەتنىڭ تارقىتىش كۈچى، مەدەنىيلىك تەسىر كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
«بىزنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلالايدىغان ئىقتىدارىمىز بار، ئەجەبا جۇڭگونىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان ئىقتىدارىمىز يوقمۇ؟ بىزدە مۇشۇنداق ئىشەنچ بولۇشى كېرەك!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ۋەزىنلىك، جاراڭلىق ئىدى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قانچىكى ياخشى تاشقى مۇھىت ياراتقانسېرى، خەلقئارا تارقىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى شۇنچە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ سۆز سىستېمىسى ۋە جۇڭگو بايان سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى ئۇقۇم، يېڭى كاتېگورىيە، يېڭى بايانلارنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقئارا مەدەنىيەت دولقۇنىدا ھەقىقىي پۇت تىرەپ تۇرۇش كېرەك.
يېڭى دەۋرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى يېڭىچە سىزىلىشنى كۈتمەكتە.
شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىمىزگە ئالساق، دەۋرىمىزگە مەنسۇپ يېڭى مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى چوقۇم يارىتالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)