«75 يىل ئىلگىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي يېڭى دەۋرنى ئاچتى».
75 يىلدىن بۇيان
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
چۆل-باياۋاندىكى نېفىت-تەبىئىي گاز بۇرغىلاش قۇدۇقلىرىدىن
بوستانلىقتىكى زامانىۋىلاشقان شەھەرلەرگىچە
كۆپ خىللىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى بۇ يەردە يۇغۇرۇلۇپ
شىنجاڭغا ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ بېغىشلىدى
ھەربىر پارچە سۈرەت بىر ھېكايە
ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە بوشاشماي ئىنتىلىشى خاتىرىلەنگەن
بىز بۇ سۈرەتلەردىن
شىنجاڭنىڭ تارىخىي ھارارىتىنى ھېس قىلايلى
بۇ تۇپراقتىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى جىمجىت ئاڭلايلى
بۈگۈن
بىز بىرلىكتە
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شى شىخەنزە شەھىرىگە بارايلى
1961-يىلىدىكى شىخەنزە. ئىككى يىل ئىلگىرىكى بۇ يەر تېخى بىر پارچە چۆللۈك ئىدى. © نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىغا تەۋە
بۇ يەر ئىلگىرى قۇم-بوران كۆپ چىقىدىغان گىياھ ئۈنمەيدىغان يەر ئىدى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1950-يىل 10-ئايدا دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندا، ساۋەن ناھىيەسىگە تەۋە بەش بازار، يېزا ئۈچ رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، شىخەنزە 3-رايون قىلىندى، رايونلۇق مەھكىمىنىڭ ئورنى شىخەنزىدە بولدى.
1953 — 1950 يىلىغىچە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى 22-بىڭتۇەن قوماندانلىق ئىشتابى، سىياسىي بۆلۈم ئورگىنى ھەمدە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئەترەتلەر، 26-شى، ئاتلىق ئەسكەرلەر 8-شىسى، ھەربىي رايون ئارقا سەپ تەمىنات تىرانسپورت تارمىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باش ئەترىتى، ئاتلىق ئەسكەرلەر 7-شى 30-تۇەنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىخەنزە ئەتراپىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈردى ھەم شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە شىخەنزە يېڭى شەھىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى.
1958-يىلى 11-ئايدا، شىخەنزە رايونلۇق مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شىڭخو خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلدى.
1964-يىلىدىكى شىخەنزە ئوتتۇرا مەكتىپى. فەن جياۋجيەن فوتوسى © نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىغا تەۋە
1961-يىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىڭخو خەلق گۇڭشېسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئايرىپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شىخەنزە 8-شىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، بىڭتۇەن شىخەنزە ئىشلەپچىقىرىش باشقارمىسى، قۇرۇلۇش 2-شىسى قاتناشقان ئورتاق ئېچىپ قۇرۇلىدىغان بىر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىغا ئايلاندى.
1975-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم ئۇنىڭغا قاراشلىق شى تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شىخەنزە ۋىلايىتى ھەم شىخەنزە شەھىرى قۇرۇلدى. شىخەنزە ۋىلايىتىگە شىخەنزە شەھىرى ھەم ساۋەن، ماناس ناھىيەلىرى قاراشلىق بولدى، ئەسلىدىكى بىڭتۇەننىڭ شىخەنزىدىكى بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى، 8-شىنىڭ ھەممە بۆلۈملىرى، 7-شىنىڭ تۆۋەن دالىدىكى ئالتە تۇەن-مەيدانى ھەم ماناس شىنخۇ باش مەيدانى شىخەنزە ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولدى.
1964-يىلى، شىخەنزە باش مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈزۈمدىن ھوسۇل ئالدى. فەن جياۋجيەن فوتوسى © نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىغا تەۋە
1978-يىلى 9-ئايدا، شىخەنزە ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شىخەنزە شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولدى.
1979-يىلى 2-ئايدا شىخەنزە يېزا ئىگىلىكى-سانائەت-سودا بىرلەشمە كارخانىسى قۇرۇلۇپ، شىخەنزە شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلدى.
1981-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 8-شىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى بىرلا ۋاقىتتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، شىخەنزە يېزا ئىگىلىكى-سانائەت-سودا بىرلەشمە كارخانىسى بىلەن بىر ئاپپارات قىلىنىپ، ئىككى ۋېۋىسكا ئېسىلدى، داۋاملىق تۈردە شىخەنزە شەھىرى بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش يولغا قويۇلدى.
1979-يىلى شىخەنزە 1-ئاۋغۇست يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. فەن جياۋجيەن فوتوسى © نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىغا تەۋە
1984-يىلى 9-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى شىخەنزە شەھىرىنى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر قىلىپ، 8-شى بىلەن بىر پارتىيە كومىتېتى تەشكىللەپ، شى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى ھەم بۈگۈنكىچە شۇنداق ئاتالدى.
2005-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەت دەرىجىلىك شىخەنزە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. © نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىغا تەۋە
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 8-شى شىخەنزە شەھىرى»نىڭ نامى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شى شىخەنزە شەھىرى»گە ئۆزگەرتىلدى.
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ شىخەنزىدىكى بىر پارچە ئېتىزدا مەشغۇلات قىلماقتا. جاڭ جۇڭيى فوتوسى
بۈگۈنكى شىخەنزە
ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشىشىدا
چۆل-باياۋاندىن
ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان يېشىللىققا تولغان شەھەرگە ئايلاندى
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، كېچە مەنزىرىسىدىكى شىخەنزە شەھىرى. ۋاڭ زىلىن فوتوسى
2021-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شەھەر رايونى مەنزىرىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر. ۋاڭ زىلىن فوتوسى
2021-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر شىخەنزە شەھىرىدىكى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيەت مەيدانىدا سالقىنداپ ئارام ئالماقتا. ۋاڭ زىلىن فوتوسى
2024-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، «دۆلەت بايرىمىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، بەختكە گۇۋاھ بولايلى» 2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە 10 مىڭ كىشىلىك كوللېكتىپ توي مۇراسىمىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى شۆبە مەيدانى شىخەنزە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ۋاڭ زىلىن فوتوسى
«كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى