تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر كونا ھەربىيچە پەلتۇدىن بىڭتۇەن روھىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغىچە

​− شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (6)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«جىڭگاڭشەندە تۇغۇلۇپ، نەننىۋەندە ئۆسۈپ يېتىلىش؛ نەچچە ئونمىڭ چاقىرىمنى ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، تىيانشاندا بوز يەر ئېچىش.» 1954 - يىلى 10 - ئايدا، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدىكى ئاساسلىق تارماقلار شۇ جايدا كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى قۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

70 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق ھارارىتىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى قەدىمىي چۆللۈككە بېغىشلاپ، چۆللۈكنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرۇپ، باياۋاننى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق بىڭتۇەن روھىنى ياراتتى.

2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا بىڭتۇەننىڭ پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتمەكتە، روھ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلىش مەدھىيە ناخشىسىنى ئۈزۈلدۈرمەي پۈتتى.

جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش

شىخەنزە شەھىرى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيەت مەيدانىنىڭ ئۇدۇلىدا، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مۇزېيدىكى سارغايغان كونا سۈرەتلەر ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخىي ماتېرىياللىرى كېلىپ - كېتىپ تۇرغان كىشىلەرگە بىڭتۇەن ئەجدادلىرىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللىرىنى ۋە تەسىرلىك ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى.

شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى بولسا، 296 پارچە ياماق چۈشكەن بىر ھەربىيچە پەلتۇ ئىدى. ئىلگىرى، بىڭتۇەنلىكلەر مەبلەغنى تېجەپ شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى سانائەت قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، كونىراپ، سۈركىلىپ يىرتىلىپ كەتكەن ھەربىي فورمىلارنى قايتا - قايتا تىكىپ، قايتا - قايتا ياماپ كىيگەنىدى. «بۇ ھەربىيچە پەلتۇنى كۆرۈپ، خۇددى بىڭتۇەن قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلىگەن نەق مەيداندا تۇرغاندەك بولىمەن» دېدى بۇ مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى گەن لىن.

ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭدا ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەنىدى. ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەينى چاغدىكى نامرات، ئارقىدا قالغان قىياپەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بىڭتۇەن جەڭچىلىرى «خەلق بىلەن پايدا - مەنپەئەت تالاشماسلىق» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى چۆل - باياۋانلاردا ۋە ئادەم شالاڭ، مۇھىتى ناچار چېگرا لىنىيەسىدە بوز يەر ئېچىپ ئېتىز بەرپا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياشلار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن، كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر، زىيالىيلار، پەن - تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىقلار ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، بەس - بەستە بىڭتۇەن سېپىگە قوشۇلدى.

قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي مۇساپىدە، بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھى ئارقىلىق ئىككى قولىغا تايىنىپ چۆل - جەزىرىلەرنى مۇنبەت بوستانلىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى پىيادە مېڭىپ ئۆلچەپ چىقىپ، كۆلەملەشكەن چوڭ يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلدى، زور بىر تۈركۈم زاۋۇت، كان، كارخانىلارنى قۇردى، 1000 گېكتار ئورمان بەلبېغى، 10 مىڭ گېكتار مۇنبەت ئېتىز بەرپا قىلدى، باغچىلاشقان شەھەر ۋە يېزا - قىشلاق بەرپا قىلدى.

«مىڭ چاقىرىم يېراقتىكى قارلار ئېرىپ، ئوتلاققا باھار شامىلى كەلگەندە، كۆكدالانىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى...» «يايلاق كېچىسى» ناملىق ناخشا بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىسىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى.

94 ياشلىق يەن شىنچيۇ ھەربىي سەپكە قاتناشقاندا تارقاتقان گوجەي، لۆڭگە ۋە سومكىنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ بۇيۇمغا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەنىدى. 1954 - يىلى، ئۇ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ۋۇلىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى (ھازىرقى بىڭتۇەن 4 - شى 66 - تۇەن)غا بېرىپ، بوز يەر ئېچىپ ئېتىز بەرپا قىلىش ئىشلىرىغا ئاتلانغان. «ئەينى يىلى بۇ يەر بىر پارچە قاقاسلىق ئىدى، ھازىر، كۆكدالا شەھىرىدە زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ شەھەرنى ئايلىنىپ ئاقىدۇ، ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركەنگەن، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمىدى» دېدى يەن شىنچيۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

بۈگۈنكى بىڭتۇەنگە نەزەر سالساق، ئەسلىدىكى كونا گەمىلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالارغا ئايلاندى، گىياھ ئۈنمەيدىغان چۆل - باياۋان ھاياتىي كۈچكە تولغان زامانىۋى مۇنبەت ئېتىزلارغا ئايلاندى، قولىدا سۆرەپ مۈرىسىدە كۆتۈرۈشتەك ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ئەمگەك قىلىش پەن - تېخنىكىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەردى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ ئۈزلۈكسىز زورايدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى... 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەندە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى، بىڭتۇەن روھى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان مەنىۋى بايراققا ئايلاندى.

قىزىل تومۇر ئارقىلىق ئۇلنى پۇختىلاش

بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، شىخەنزە داشۆنىڭ بىڭتۇەن روھى تەتقىقات - ئۆگىنىش ئەمەلىيەت كوللېكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار تىيانشان تېغى، ئالتاي تېغىدىن ھالقىپ، ئېرتىش دەرياسىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، باياۋاندىكى ئانا كۆرگەزمىخانىسى، ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى، ئىنقىلابىي قۇربان سۈن لۇڭجېن خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا لېكسىيە سۆزلەش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش - ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش - ھەمتۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، بىڭتۇەن روھىنى ھېس قىلدى. «70 يىل ئىلگىرى، ئىرادىلىك زاتلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئۈمىد يېتىلدۈرگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، ۋەتەنگە ياشلىق باھارىمىزنى بېغىشلايمىز» دېدى تەتقىقات - ئۆگىنىش ئەمەلىيەت كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى گو لىنشىن قەتئىيلىك بىلەن.

شىخەنزە داشۆ «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە يەرلىك تارىخى دەرسلىكى» «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تارىخى» «بىڭتۇەنگە كىرىش» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى ئاساس قىلىپ، بىڭتۇەن روھىغا دائىر يۈرۈشلۈك ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سەرخىل دەرسلىك بەرپا قىلىش، ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك دەرسخانىدا تەربىيەلەش، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، بىڭتۇەن روھىنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخىي ماتېرىياللىرىنى ئەڭ جانلىق «دەرسلىك» قىلىش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار، نەمۇنىچىلارنى «ئۇستاز» قىلىش... بىڭتۇەن قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، مۇزېي، خاتىرە سارىيى، خاتىرە ئابىدىسى، چېگرا قاراۋۇلخانىسى قاتارلىقلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا، قولاي ۋاقىتتا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۆگىنىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسى ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق ھېس قىلىش، بىڭتۇەن روھى ۋە توغراق روھى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، قىزىل مەدەنىيەت بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.

يېقىندا، بىڭتۇەن ناخشا - ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ «تىرىك چېگرا ئابىدىسى» ناملىق ئىجادىي مۇزىكىلىق تىياتىرى ئارال شەھىرى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئورۇندالدى. بۇ تىياتىردا 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋ ئەسلىي تىپ قىلىنغان بولۇپ، ۋېي دېيوۋ ۋەكىللىكىدىكى بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرى بايان قىلىنىپ، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى مەدھىيەلەنگەن.

بىڭتۇەن روھى جۇڭخۇا مىللىتى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا شەكىللەنگەن قىزىل روھنىڭ زامانىمىزدىكى داۋامى. بىڭتۇەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، «بىڭتۇەن ئۈلگىلىرى» «بىڭتۇەن ياخشى كىشىلىرى»دىن كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىپ ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىپ، بىڭتۇەندىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى، يېڭى كەيپىيات يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، بىڭتۇەننى گۈللەندۈرۈشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇدا كۈرەش قىلىپ يېڭى تۆھپە يارىتىش

«مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلنى جىغانلىققا بېغىشلىدىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان جىغانلار ئاخىرىدا بېيىش مېۋىسىگە ئايلاندى، تۆلىگەن بارلىق بەدىلىم بىكارغا كەتمىدى.» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 170 - تۇەندىكى يىپەك يولى جىغان بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جۈنياڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدا ئون نەچچە يىل يىلتىز تارتىپ، كىشىلىك ھايات قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇردۇم.

ۋاڭ جۈنياڭ 3 - ئەۋلاد بىڭتۇەنلىك. 2009 - يىلى داشۆ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىڭتۇەن 9 - شى 170 - تۇەنگە كەلگەن. «بىڭتۇەن روھى مېنىڭ تومۇرلىرىمغا ئاللىقاچان سىڭىشىپ كەتتى. بىڭتۇەنگە قايتىپ كېلىش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش مېنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتىم» دېدى ئۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، جىغان ھەقىقىي تۈردە 170 - تۇەن ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»كە ئايلاندى، ۋاڭ جۈنياڭمۇ ئۆزىنىڭ شانلىق پەيتىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل، ئۇ «جۇڭگو ياشلىرى 4 - ماي مېدالى»غا ئېرىشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ياش ئەجدادلارنىڭ ئىزىغا ئەگىشىپ مېڭىشنى تاللاپ، بىڭتۇەنگە كېلىپ، بىڭتۇەندە يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق، بىڭتۇەن روھىنى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ جۇلالىق نۇر چاچقۇزدى.

2009 - يىلى، گەنسۇ خۇينىڭدىن كەلگەن شاۋ شۈپېڭ، شىخەنزە قۇرۇلۇش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىڭتۇەندە قېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ تيەنيې(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي تېخنىكى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، كۈچىنىڭ بارىچە بىڭتۇەنگە تېخنىكا تايانچلىرى ۋە زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. «مەن بىڭتۇەن روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياشلىق باھارىم ئارقىلىق دەۋر شان - شەرىپىنى پۈتىمەن» دېدى ئۇ.

تارىم داشۆ − بىڭتۇەن قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە، توغراقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرغان داشۆ، قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئىزچىل چۆللۈكتە توغراقتەك قەد كۆتۈرۈپ كەلدى. مەكتەپ قۇرۇلغان 66 يىلدىن بۇيان، تارىم داشۆ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ يەتكۈزۈپ بەردى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %85ى شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، %69ى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى.

يېقىندا، تارىم داشۆ 2024 - يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 6283 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلىك ھاياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جياڭ جيېلۇڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشنى تاللىدى. «مەن ۋەتىنىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىمەن» دېدى جياڭ جيېلۇڭ.

چېگرا رايونغا، ۋەتىنىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بارايلى! بىڭتۇەن روھى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا يېڭىلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىڭتۇەن روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، روھنى تاۋلاپ، كۈرەش ئىرادىسىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.